ئاياللارغا مەدھىيە(شېئىر)
ئابدۇراخمان ئىبراھىم.كورلا
سەن ئايال ،مىللەتكە ئانا ئەمەسمۇ؟
چىن مېھرىڭ،بالاڭغا پاناھ ئەمەسمۇ؟
ئەجرىڭنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمىغانلار،
ئىنسانلار ئىچىدە،دانا ئەمەسمۇ؟
بىر قولۇڭ بۆشۈكنى تەۋرەتسە ئەگەر ،
يەنە بىر قولۇڭدا دۇنيامۇ تەۋرەر.
چۈنكى سەن ئەۋلادنىڭ تۇنجى ئۇستازى،
ئۈن-تىنسىز،ۋەتەنگە تۆكسەن قان-تەر.
سەن شۇنداق جاپاكەش، قىلمايسەن مىننەت،
سەن - ئانا سىماسى،ئايىغىڭ- جەننەت.
تۈگىمەس،بىر تېمىم سۈتىڭ ھەققىمۇ،
ئوغلۇڭغا ھاپاش بوپ،ھەرەمگىچە يەت.
شۇ ئۇلۇغ ئانىمۇ،سېنىڭ ئەسلىڭىغۇ؟
كۆپەيگەن،بىزلەرمۇ سېنىڭ نەسلىڭغۇ؟
سۆيگۈگە تويۇنغان يەنە يۈرىكىڭ،
شۇ ئىللىق قۇچىقىڭ،باھار پەسلىڭغۇ؟
مىللەتنىڭ ساپاسى سېنىڭ قولوڭدا،
بوشاشما، ئەمدى سەن ئىلىم يولوڭدا.
بىر ئايال ئىلىملىك بولۇپ قالسا گەر،
تاقىلار بىرتۈرمە،شۇنىڭ ئورنىدا.
ئى ئايال! قايتىدىن يارات، ئۆزۈڭنى،
كەلگۈسى ئانىلار، باسار ئىزىڭنى.
ھەقلىرىڭ ئادالىق،ئەرگە سادىق بوپ،
ياراملىق تەربىيىلە،ئوغۇل قىزىڭنى.
ئابدۇراخمان ئىبراھىم كورلا.
ئاپتور ئىسمىنى ئۆزگەرتىش قانۇنغا خىلاپ.
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى:13899022303
124 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇراخمان ئىبراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-7 9:31:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|