كۆنۈپ قالدىم
مەردان ياقۇپ (غۇلجا )
ھەر سەھەردە ئۇيغۇتاتتىڭ جىنىم ئانا ،
ئاۋازىڭسىز ئۇيغۇنۇشقا كۆنۈپ قالدىم .
پىشانەمگە سۆيەر ئىدىڭ كۈندە دادا ،
پىشانەمنى تۇتۇپ بۈگۈن تۇرۇپ قالدىم .
بەكمۇ سوغۇق بىلىنىدۇ كوچىلىرى ،
شۇ كوچىدا ئۆزۈم يالغۇز يۈرۈپ قالدىم .
قىلچە مېھىر بېرەلمەيدۇ توپا يولدەك ،
شۇڭا بۈگۈن بۇ شېئىرنى يىزىپ قالدىم .
ھېرىپ ئېچىپ چۈشكىنىمدە دەرىسخاندىن ،
بىر پىيالە ئەتكەن چاينى تاپالمىدىم ،
زورلاپ يىدۇق ئوخشىمىسا تاماقلىرى ،
كۆندۈرەركەن يەنە ھايات كۆنۈپ قالدىم ،
كەلدى بولغاي شەپە بىلەن تۇنجى قارى ،
زىمىستاننىڭ تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدىم.
ئالتۇن كۈزمۇ قالدى ئەنە ئارقىمىزدا ،
مېشى يوقكەن ئوت قالارغا مۇزلاپ قالدىم .
ئاغرىپ قالسام باشلىرىمنى سىلار ئىدىڭ ،
قېنى قولۇڭ سىلارغا،مەن ئاغرىپ قالدىم ،
توسۇمۇدۇم ياشلىرىمنى ئاققىنىدا ،
باش پاناھسىز ئاغرىشلارغا كۆنۈپ قالدىم ،
مېھرىڭ بىلەن ئەتكەن ئاشۇ ئاش تەمىنى ،
شۇنچە ئىزدەپ ھېچ بىر يەردىن تاپالمىدىم .
قارا چىيىڭ ئەۋزەل ئىدى جىنىم ئانا ،
ئامالىم يوق تەييار چۆپكە كۆنۈپ قالدىم .
بىلمەپتىمەن قەدىرلەشنىڭ مەناسىنى ،
قەدرىمىز يوق بۇ شەھەردە ياشاپ قالدىم .
بارلىقىنى بېرەلمەسكەن سۆيۈپ سەندەك ،
ئاڭلا ئانا مەن ئازاپقا كۆنۈپ قالدىم .
ھەر بىر چىشلەم يىگىنىڭدە يالغۇز ئاشنى ،
مەن بىلىمەن مىنى چوقۇم ئەسكە ئالدىڭ .
كەچۈر ئانا ،كەچۈرۋەتكىن جىنىم دادا ،
بىزنى يالغۇز قېلىش ئۈچۈن باققانمىدىڭ .
بالىلارچە قىلىقىمنى تاشلاي بۈگۈن ،
مەنمۇ ئەمدى كىچىك ئەمەس چوڭ بوپ قالدىم .
سېغىنىشىم ،دۇئالىرىم سىلەر ئۈچۈن ،
ئامان بولغىن سۆزلىرىمنى مەن توختاتتىم .
2016/11/8 新疆大学
____bagwax
1222 قېتىم كۆرۈلدى |
mardan118 |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-11-10 1:03:43 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-20 6:17:45 |
Xamseya |
Tihemu yahxe xeerlani yezexegga telak daxman sawakdexem |
2016-11-23 23:48:54 |
ma rdan |
esil bak yahxe yizip sa |
2016-11-14 20:49:50 |
Muslim |
Yahturdum |
2016-11-14 10:59:40 |
tulan |
يازغان ئەسەرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، داۋاملىق تىرىشىڭ 👏👏👏 |
2016-11-12 12:10:19 |
ھەزىرتىئەلى |
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ… |
2016-11-12 1:47:31 |
kalbinur |
bak yahxi yezliptuuu👏👏👏👏👏👏 |
2016-11-12 0:20:00 |
ئابدۇللا |
خىلى ئوبدان يېزىپسەن، تىلى يەڭگىل چىقىپتۇ، چىن ھېسىياتىڭ سىڭدۈرۈلۈپتۇ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم. قەلىمىڭگە قوۋۋەت تىلەيمەن! |
2016-11-11 23:49:55 |
xukrat |
kunup kaldim |
2016-11-11 23:45:00 |
mawjudam |
entayin yahxe yizelip tu .yaray san mardan |
ئىنكاس يېزىڭ