نېمىشقا؟؟

نېمىشقا؟؟


يامغۇر ياغساگەر دەيدىكەنمىز، نېمىشقا ئاپتاپ چىقمايدۇ؟
ئاپتاپ چىقسا دەيدىكەنمىز، نېمىشقا شامال چىقمايدۇ؟
ئادەم دېگەن ئەزەلدىن، رازى بولۇپ ئۆتمەيدىكەنمىز،
بىر ئادەم يىغلىسا نېمىشقا باشقىلارنىڭ كارى بولمايدۇ؟


ھەممە ئادەم دەيدىكەن دەردىم بەكمۇ كۆپ بار،
نېمىشقا ئادەملەر بىر- بىرىنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ؟
بۇ دۇنيادا شۇنچىلىكمىدۇ مېھرى -مۇھەببەت؟
نېمىشقا بىرسى يىغلىسا باشقىلار چاۋاك چالىدۇ؟


غەيۋەت قىلىپ بەزىلەر ئاق كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن،
نېمىشقا  تۆھمەت قىلىپ كۆڭۈللەرگە ئازار بېرىدۇ؟
بىرى بولسا گەر ئاق كۆڭۈل، شەرمى- ھايالىق،
نېمىشقا كۆرەلمەسلەر غەيۋەت قىلىپ، غاجاپ تويمايدۇ؟

بىر ئادەمگە تەگسە گەر،  ھوقۇق -ئەمەللەر،
نېمىشقا ئورىغا  چۈشۈرگىلى تەييار تۇرىدۇ؟
بىر ئادەم سۆزلىسە ھەق- ناھەق ئۈچۈن،
نېمىشقا ئۇ كىشى، ئۇۋالغاقېلىپ ئازاب تارتىدۇ؟

نېمىشقا؟ دېگەن سوئاللىرىم بەكمۇ كۆپ ئىدى،
بىراق ھېچقايسىسىغا لايىق جاۋاب تاپالمىدىم.
نېمىشقا؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى كۆپ ئىكەن،
بۇ دۇنيادا راست جاۋابنى مەن چۈشەنمىدىم.

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان،
ئاپتورنىڭ ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا داۋاملىق قالدۇرۇپ قويۇڭلار.
     





49 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-28 18:47:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ