ئاداۋەت ساقلىما - ئابدىراھمان ھېكىم

·—ئاداۋەت ساقلىما—·

💔ئابدىراھمان ھېكىم💔 ئىشەنچ, كۇچا

ھىچ   كىشىگە   ئاداۋەت   ساقلما،
دوسنىڭ   يۈرۈكىنى   پارە   تىلما،
رەقىپلىرىڭگە   ئۆچمەنلىك   قىلما،
سەنمۇ  ئ‍ۆزۈڭنى  ھەرگىز  ئاقلىما،

ئ‍اتا-ئاناڭنىڭ      باققان     ئ‍ەجرىگە،
جاۋاپ قايتۇرغىن چىداپ جەبرىگە،
ئىزدەپ  قالىسەن   ماڭسا  قەبرىگە،
تەڭ  تۇرالماس  ھىچنىمە  سەبرىگە،

قەدىرلە  سەن   ئەتىۋا   قېرىنداش،
مىھرى ئىللىقتۇر ھەممىگە تەڭداش،
سەن ئۈچۈن يەنىلا بىرىپ بەرداش،
دۇئا  قىل ئۇلار  ساڭا   سەپەرداش،

ئاچكۆز بۇلۇپ مال دۇنيا   كۆزلىمە،
دوستۇم دەپ بولما ئ‍ىككى يۈزلىمە،
نەدىلا    بولساڭ   يالغان   سۆزلىمە،
جان ئامانەت كەتسەك قالار ھەممە،


2016.11.11 كۇچا

506838927
     





52 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 11:38:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ