يۇرتۇم ئاققاش
مەخسۇم ھېپىز
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ،
شەرىقىدا بىر تال قاش .
ئاياغ باسماستىن بۇرۇن ،
تۇزلۇق قىركەن بۇئاققاش .
بىر توپ كارۋان ئۆتكۈچە ،
توختاپ قاپتۇ بىر كېچە .
ئۇسسۇزلۇققا تاۋۇز يەپ ،
بۇ ئاققاشتىن ئۆتكۈچە .
ئەتىيازنىڭ شامىلىدا ،
تاۋۇز ئۇرۇقى كۆمۈلۈپ .
قاتتىق ياغقان يامغۇردا ،
تاۋۇز بولۇپ كۆرۈنۈپ .
سەپىرىدىن كارۋانلار ،
ئۇچ ئايلاردا يېنىپتۇ .
كېلىپ كارۋان ئاققاشقا ،
تاۋۇزنى يەپ قېنىپتۇ .
ئاق باسقان شۇ ئاققاشتىن ،
ھاياتلىقنى تېپىشىپ .
ئۈمىد بىلەن كارۋانلار ،
ماكان تۇتۇپ قېلىشىپ .
ئاتۇش بىلەن قەشقەردىن ،
يەر تېرىشقا كېلىشىپ .
مۇنبەت بىلىپ تۇپراقنى ،
ئاققاشتىلا قېلىشىپ .
جەم بولۇشۇپ دىھقانلار ،
بۇ ماكاننى كۆكەرتىپ .
ئاۋات قىپتۇ يۇرتۇمنى ،
ئەۋلادلارنى كۆپەيتىپ .
پىلەك چۈشكەن شۇ ئاققاش ،
ھازىرقى چوڭ بازار كەن .
كارۋان ماڭغان يول بويى ،
يول بويىدا مازاركەن .
ئەۋلادلىرى يېتىلىپ ،
ھۈنەرۋەن بوپ تونۇلدى .
ياشلىرىنىڭ ناملىرى ،
مىمارچى بوپ قويۇلدى .
ئاقسۇ ئاتۇش كورلىدا ،
ئالتاي شىخۇ سانجىدا .
ياشلىرىمنىڭ قولى بار ،
بۆرتالا ۋە غۇلجىدا .
بۇ يۇرتۇمنىڭ تۇزلىرى ،
بارچە ئەلگە تارالغان .
ئون نەچچە مىڭ نوپۇسى ،
بۇ تۇزنى يەپ يارالغان .
قويلىرىنى بېقىشى ،
تۇزلۇق يەردىكى تىكەن .
تۇزنى يالاپ ئوتلىغاچ ،
ئەجەپ تاتلىق گۆش ئىكەن .
شۇڭا ئاققاش بالىلىرى ،
جانلىق مەغرۇر ياشايدۇ .
قورقماستىن سۇ بىلەن ،
كەسىپلەرنى باشلايدۇ .
ئەۋلادلارنى ئوقۇتۇش ،
يۇرتىمىزنىڭ مىزانى .
ۋەتەن ئۈچۈن پەرۋىشلەش ،
ھەممىمىزنىڭ نىزامى .
ئۆسمۈرلەرنى قەدىرلەپ ،
بايرامنى چوڭ قىلىمىز .
يىراقلارغا كېتىشىپ ،
بايرىمىدا كېلىمىز .
يۇرتىمىزنىڭ مەنزىرىسى ،
مەشرەپتىمۇ تونۇلدى .
ئاققاشتىكى چوڭ مەشرەپ ،
تېلېۋىزوردا قويۇلدى .
يېزىۋەرسەم تەرىپى ،
داستان بولۇپ تۈگىمەس .
يېزامدا كۆپ يېڭىلق ،
يېزىپ قولۇم ئۈلگۈرمەس .
مەنمۇ مۇشۇ خىلۋەتلىك ،
بۇ يېزىدا يېتىلدىم .
قولى گۆھەر ھۈنەرۋەن ،
قاتارىغا قېتىلدىم .
ئاپتورى : مەخسۇم ھېپىز (ئاققاش)
ئۈندىدار : 18509996475
2017-4-8
| 70 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-13 15:04:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|