🌴بەلچىرىم 🌴 - ساۋۇت سەدەن (ئانارى)

🌴بەلچىرىم 🌴 

ساۋۇت سەدەن (ئانارى)


 باغرىڭ ئىللىق مېھرىڭ قۇياشىم ، 

 جەننەت كەبى گۇزەل بەلچىرىم ، 

 سالام يېزىپ ساڭا راسلىغان ،

ئېلىپ كەتتى خەتچى كەپتىرىم ، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪

 شىلدىرلىغان ياپرقنىڭ ئۇنى ، 

 ساڭا يازغان سالامنىڭ كۇيى ، 

ئېتىز -ئېرىق يېشىل چىمەنلىك ، 

 كەڭ باغرىڭنىڭ بەركىتى سېڭى ، 

 ⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪  

 ئىككى تەرپىڭ ھەيۋەت تاغلىرىڭ ، 

 قورغان بولغان مەزمۇت سېپىلىڭ ، 

 ئابىھايات غولۇڭدا ئاققان ، 

 ئىلھام كىلەر كۆرگەن كىشىنىڭ ، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪

 تالاي تاىخ ئىزناسى سەندە ، 

پەخىرلىنىش تۇيغۇسى مەندە ،  

باغرىڭدا ئۆسۇپ يىتىلگەچكە مەن ،  

 ساغلام قۇۋەت ئۇرغۇيدۇ تەندە ، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪ 

 2016.11.3
بەلچىر-يۇرىت نامى
     





421 قېتىم كۆرۈلدى ساۋۇت سەدەن (ئانارى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-3 11:42:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-6 12:32:33 گوھەر
ئ‍ىتايىن،ياخشى
2016-11-6 10:50:29 ئالتۇنگۈل
بەك ياخشى يزىلىپتۇ يارايسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ