ياشلىقىم
ئەكبەر ئەركىن
ئىنسان بولۇپ جاھاندا شاد ئەسلىمەم ياشلىقىم،
مەرتىۋەم ھەم شەۋكىتىم، خان ئەيلىگەن ياشلىقىم.
ھەر كۆزلەرنى لال قىلىپ باش باھارنىڭ بەرگىدەك،
بىر كۈنلەردە خازان بوپ تۆكۈلمىگىن ياشلىقىم.
ئەزىم دەريا، دەشت-باياۋان، يەر-جاھاننى ئارلاپ،
ئامەت، بايلىق، جاناننى يار ئەيلىگىن ياشلىقىم.
سىنچىلاپ قارا ئالدىڭدا ئەجداد ئىزى بار،
مىراسكار بوپ مىراس قىل ئادەتلەرنى ياشلىقىم.
ياخشىلارغا ۋاپا قىل خىسلىتىدىن ئال ئۈلگە،
دۈشمەنلىرىڭ بەك تۈلكە چېچەن بولغىن ياشلىقىم.
ئاتقان ئوقتۇر بۇ ۋاقىت، قولدىن چىقسا قايتمايدۇ،
سەرىپ ئەتمە ۋاقتىڭنى، دەۋرىڭ قىسقا ياشلىقىم.
ساڭا يۆلەك ئاتا-ئاناڭ، دوستلىرىڭ، ئېلىڭ بار،
ۋىجدان يۈرەكتىن كەتمىسۇن داۋام ئەتكىن ياشلىقىم.
2016/10/13 ئۈندىدار :2629888235
35 قېتىم كۆرۈلدى | akpar430 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-14 21:44:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|