يوقلاپ تۇرغىن ئاناڭنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئەركەك بولساڭ،يوقلاپ تۇرغىن ئاناڭنى،
ئاناڭ بولسا،ھاياتلىغىڭ گۈزەلدۇر.
ئۇنۇتمىغىن ئەللىيىنى،ئەجرىنى،
ئانىلارنى قەدىرلىگەن ئەركەكتۇر.
ئەركەك بولساڭ،باخلاشلىغىن ئاناڭنى،
تۇتۇپ قويغىن،ئەشۇ گۈلدەك قولىنى.
كېرەك ئەمەس ئانىلارغا بايلىقىڭ،
كۈتەر سۆيگۈ،بەرگىن دائىم مېھرىڭنى.
ئەركەك بولساڭ،سېغىندۇرما ئاناڭنى،
پۇرىۋالغىن خۇشپۇراقلىق ھىدىنى.
خىرەلەشكەن كۆزلىرىگە قارىۋال،
مىڭغا كىرمەس،بېقىۋالغىن ئاناڭنى.
ئەركەك بولساڭ،قەدىرلىگىن ئاناڭنى،
چۈشەيدىغۇ،كۈندە تىلەپ بەختىڭنى.
ئويلىمايدۇ راھەتلەرنى بىر ئۆمۈر،
سېنى بېقىپ،يەنە باقار بالاڭنى.
ئەركەك بولساڭ،يالغۇز قويما ئاناڭنى،
قۇچاقلىۋال،يېتىۋالغىن يېنىدا.
كىتىپ قالسا،كۆرمەيدىغۇ زارىڭنى،
گۈللەر تېرىپ،سۇنىۋالغىن بېرىدا.
ئەركەك بولساڭ،خۇشال قىلغىن ئاناڭنى،
سىيلىۋالغىن ئاق ياقۇتتەك چېچىنى.
قىلماس تەمە،ئاناڭ سەندىن ھېچ نىمە،
تاتلىققىنە سۆيۈۋالغىن مەڭزىنى.
106 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-6 9:36:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|