چۈشتىكى ئىزھار
ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش )
كۆزلەر خىرە ئۇيقىغا پاتتى ،
ئويلىرىمدا يار نىڭ خىيالى .
كۆرنەتتى يىراقتا خىرە ،
چۈشلۈرۈمدە يارنىڭ جامالى.
تەلمۈرەتتىم بويۇمنى سوزۇپ ،
كەل ئامرىقىم كۆرەي يىنىشلاپ .
يازغان خىتىم قالدى ساقلىنىپ ،
پۈتكەن ئىدىم ساڭا بىغىشلاپ .
ئىيتىۋالاي چۈشۈم بولسىمۇ ،
ساڭا يۈرەك سۆزۈمنى بىررەت .
بىلگىن دىلىم سۆيگۈڭگە تەشنا،
سۆيگەچكىلا سىنى تا ئەبەت .
بويلىرىڭدا مىڭ گۈل ھۆسنى بار ،
ھىلال ئايمۇ قالار ھەۋەستە .
خۇيلىرىڭمۇ يەنە ئۆز گىچە ،
مەلىكە كەبى قالسەن ئەستە .
بولساق ئىدى بىر باققا باغۋەن ،
كۆللەر تىرىپ زوقىنى ئالساق .
پالتا يىگەن جىرىم شىخدا ،
مىھنەت ئىشى ئوتنى ياقساق .
بولغاچ ساڭا ئارزۇلار باغىلىق ،
شۇ ئۈمۈدلەر دىلدا تىم ياتماس .
ئارام بەرمەس كىچە غەم بوغۇپ ،
ئۇزۇن كىچە ماڭا تاڭ ئاتماس .
مەھەلەڭگە بارار ئىدىم غەزەل ئىيتىپ ،
چىقالمايتىڭ مەيلى بىلسەڭ،بىلمىسەڭ .
بىر باھانە تاپمىدىڭ يا چىققىدەك ،
بەرىبىر مۇ ياكى، كۆرسەڭ-كۆرمىسەڭ .
قايتار ئىدىم بىشىم غەمدە ساڭگىلاپ ،
كەتتىممۇ يا خام سۆيگىگە ئالدىراپ .
خامكەن دىسەم يۈرەك پىشىپ كىتىپتۇ،
ئوت ئىچىدە ياشاش تەسكەن گاڭىراپ .
شۇڭا بۈگۈن دىل سۆزۈڭنى ئىيتىۋەت ،
ياكى يازغان خەتلىرىمنى يىرتىۋەت .
سۆيەلمىسەڭ،مىنى سەۋدا قىلغۇچە ،
ئاپىرىپ مىنى يىراقلارغا سىتۋەت .
توختا جانان مىنى ساتما ئويغىناي ،
بۇ چۈشۈمگە ئۆلەيمۇ يا كۈلەيمۇ .
تۈن يىرىمدا بۇزۇلۇپتۇ سەن بار چۈش ،
ئەمدى يالغۇز سنى ئويلاپ تۈنەيمۇ .
چۈشلۈرۈڭڭە كىرسەم جانان سورما ،
ئايرىلىشقا چىدامسەندەپ زىنھار .
گەرچىدسام ئويغانماستىم،ساتاتتىڭ ،
قىلىپ مىنى روھىي چۈشكەن بىر بىمار .
سەندىمۇ بار ،مەندەبار كۆڭۈل ،
سەنمۇ سۆيسەن،كۆڭلۈم قىياسى .
ئاچاي دىسەم سىرىڭنى شۇدەم ،
تۈگەپ قاپتۇ قەلەم سىياسى !
2016-8-9
ئىزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)
QQ:2323202986
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىزجان تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-24 12:57:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|