يىللار - ئەكبەر ئەركىن

ئەي يىللار!
نەگە ماڭدىڭ بۇنچە ئالدىراش،
تۆنۈگۈن ئىدىمغۇ قوينۇڭدا يابياش،
نە ئۈچۈن بۈگۈن بوپقالدىم ئاقباش،
قەدىمىڭنى ئاستىلات يىتىشىۋالاي،
ياشلىقىمنى قولۇڭدىن تارتىۋالاي.

ئەي يىللار!
ئەپكەتتىڭغۇ پالۋان سادىرنى،
ئەپكەتتىڭغۇ ئا. ئۇيغۇرنى،
يەتمىگەندەك يەنە نە ئۈچۈن،
ئەپكىتىسەن زوردۇن سابىرنى.
قەدىمىڭنى ئاستىلات يىتشىۋالاي،
ئابدۇرھىم ئۆتكۈرنى كۆرىۋالاي.

ئەي يىللار!
تاغنى تالقان قىلغان،
باغنى بوستان قىلغان،
بوۋىلاردا نە گۇناھ،
ئۇلار نىمە ئەسكىلىك قىلغان،
قەدىمىڭنى ئاستىلات يىتشىۋالاي،
ئەجدادىمنىڭ ئىزىنى كۆرىۋالاي.

ئەي يىللار!
ئاتا-ئانام يۈزىگە سېلىپسەن ئىزنا،
جاپاكەشلەر بىلىنى ئېگىپسەن يانا،
مىنىمۇ يۆلەنچۈكسىز قويمىغىن،
ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييارمەن مانا.
قەدىمىڭنى ئاستىلات يىتشىۋالاي،
ئەللەيگە قېنىپ ئۇلار قوينىدا يېتىۋالاي.

ئەي يىللا!
ئەگەشتۈدۈڭ كەينىڭگە كىمنى؟
كېلىپ قالدى كىملەر نۆۋىتى؟
قوينۇڭدا يوقمۇ ئەزىزلىرىڭ؟
پەقەتلا بىلەمسەن ئېلىشنى،
قەدىمىڭنى ئاستىلات يىتشىۋالاي،
تارىخىڭنى، ماھىتىڭنى بىلىۋالاي.

ئەي يىللار!
نەگە ماڭدىڭ بۇنچە ئالدىراش،
تۆنۈگۈن ئىدىمغۇ قوينۇڭدا يابياش،
نە ئۈچۈن بۈگۈن بوپقالدىم ئاقباش،
قەدىمىڭنى ئاستىلات يىتىشىۋالاي،
ياشلىقىمنى قولۇڭدىن تارتىۋالاي.




38 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-8 22:49:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ