ئۇنداق ئەمەس بالىلار
مەرۋايىت
كۆردۈم تالاي دادىنى، باللىرىغا چېھرى سوق،
ھەتتا كۆردۈم پەرزەنتكە قىلچىلىكمۇ مېھرى يوق.
يەنە كۆردۈم ھاياتتا ئېتى ئۇلۇغ ئانىنى،
نە ئانىدەك مۇھەببەت ، ئىدراك ياكى زېھنى يوق!
ھەم بار ئىكەن كۆپ ئۆيلەر، ئائىلىلىك سېھرى يوق!
قۇرۇلغاندەك سۈرەتكە، مۇھەببەتلىك مېھرى يوق!
غېمى پۈتۈن دۇنياكەن!!!!!!! بالا بىلەن ئىشى يوق!
ئىشلەر ھارماي دۈم بولۇپ ، ئارامى ياز قىشى يوق!
ئۆيۈمنى دەپ قىلدىمغۇ دەيدۇ بەلكىم ئاتىلار،
بالامنى دەپ قىلدىمغۇ قاقشار بەلكىم ئانىلار.
مىننەت بىلەن قىلغىنىڭ نىمىگە تەڭ ئاخىرى!
ئەرمەك ھايۋان ئەمەسقۇ شۇ ناتىۋان بالىلار.
كىيمى نوچى توڭلىماس، تاماق بەردىم ئاچ قالماس،
ياتار جايى تەييارغۇ ،مەندە گۇناھ ھېچ قالماس.
پەرزەنتىمنى كۆتىرىپ پەپىلىگەن دېدىڭىز؟؟؟؟!!!
ھايۋان ئەمەس شۇ ئوماق پەرزەنتىڭلار بالىلار!
ئەرمەك ھايۋان بولسىدى شۇلار يېتەر خوپ ئىدى،
قوسىقىغا، قوتانغا ئېرىشكەنگە خوش ئىدى.
ئەمما ئۇلار ئوخشاشلا بىز بىلەن تەڭ ئادەملەر!
ئۇلاردىمۇ قەلب بار! ئەرمەك ئەمەس بالىلار!
82 قېتىم كۆرۈلدى | MarwayiT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-25 18:18:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|