دوستلۇق ھەققىدە - مېھىرنىسا قۇربان

دوستلۇق ھەققىدە

مېھىرنىسا قۇربان

دوستلۇق ئۇلۇغ دوستلۇق قىممەتلىك،
ئۈزۈلمىسۇن دوستلۇق رىشتىسى.
بولسۇن دوستقا ساداقەت ۋاپا،
ھەممە يەردە دوستلۇق ئۈلگىسى .

دوستلۇق ئۇلۇغ دوستلۇق قىممەتلىك،
قەدىرلىگىن دوستلۇق مېھرىنى.
كۆڭۈللەرگە قالدۇرۇپ ئىزلار،
يوقاتمىغىن دوستلۇق سھىرىنى.

دوستلۇق ئۇلۇغ دوستلۇق قىممەتلىك،
دوستلۇق بىلەن ھاياتىڭ شادلىق،
چىن ساداقەت دوستلىرىڭ بولسا،
ئۆتەر كۈنۈڭ خاتىرجەم تاتلىق.

دوستلۇق ئۇلۇغ دوستلۇق قىممەتلىك،
دوستلۇق بىلەن كۈلسۇن بۇ ھايات،
كۆكتە پەرۋاز قىلماقچى بولساڭ،
دوستقا دوستلار بولىدۇ قانات.

دوستلۇق ئۇلۇغ دوستلۇق قىممەتلىك،
بولاي دەيمەن دوستلۇق ئەلچىسى،
گۈللەر تەردىم دوستلۇق بېغىغا،
پۇراق چاچسۇن چىچەك غۇنچىسى.

2016-11-23 غۇلجا شەھىرى
     





43 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-7 1:10:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ