ھۈش!!! يۈركۈم پىچچىرلاۋاتىدۇ

ھۈش!!! يۈركۈم پىچچىرلاۋاتىدۇ

 

شەرۋانەم

 

–سەن ئۇنۇڭغا ئامراق بولۇپ قالدىڭ شۇنداقمۇ؟

 –مەندىن بۇنداق سۇئاللارنى سورما يۈركۇم. ئۇنداق ئش يوق.

 –سەن ماڭا ئەمدى سنى ئالدمايمەن. سنى چىدا يۈركۇم دىمەيمەن، سنى ئەمدى يىغلاتمايمەن دىگەن ئىدڭغۇ؟ ئەجەبا ئۇنتۇپ قالدڭما؟

–ياق .مەن ئۇنۇتقۇنۇم يوق،مەن سۆزۈمدە تۇرمەن.

 –ئەمسە نىمە ئۇچۇن ھە دسلا ئۇنى ئويلايسەن؟ئۇنىڭ كۈلۈپ ساڭا قارىغاندكى سىماسنى ،ھەربىر ئغىز سۆزلىرنى،قىلىقلىرنى ؟ نمە ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بىر قىتم كۆرگەن شۇ ئادەمنى ئويلاپ نەچچە تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز،كۈنلىرڭنى مەنىسز ئۆتكۈزۋىتسەن؟نىمە ئۈچۈن ھەممىلا جايدىن–تىلفۇندىن، كىتابلاردىن،ھەركۈنى ئۆزۈڭ يالغۇز ماڭىدىغان يوللاردىن،ئۇنىڭ بولشى مومكىن بولمايدىغان نۇرغۇن ئادەملەر توپىدىن ،ھەتتا چۈشۈڭدىمۇ ئۇنى ئىزدەيسەن؟يىزىشقان ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ ئۆزۈڭ بىلەن ئۆزۈڭ كۈلۈپ كىتسەن تىخى،خىيال سۈرۈپ نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كەتكىنڭنى، نىملەرنى ئويلاۋاتقىنڭنى ئۆزۇڭمۇ بىلمەيسەنغۇ؟ بۇ ئۇنۇڭغا ئامراق بولۇپ قالغنىڭنىڭ ئىسپاتى بولماي نىمە؟يەنە تىخى…

–بولدى بەس!بولدى قىل يۈركۈم ،ئەمدى سۆزلىمە.سۆزۇمنى قۇلاق سىلپ ئاڭلا.مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى تىخى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.مەن بىر كۆرۇپ ئاشىق بولۇشقا ئشەنمەيمەن. ئسڭدە بولسۇن،بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش پەقەت كىنولاردىلا ئۆز قىممتنى تاپدۇ، ھازرقى جەميەتتكى بىر كۆرۇپ ئاشىق بولدىغنى چىن ھىسيات ئەمەس بەلكى چىراي.سەن راست دەيسەن ،مەندە يۇقارقىدەك ئۆزگۈرۈشلەر بولغنى راست،ئەمما ئشەنگىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق قىزىقىش، ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئوخشاش ۋاقىتلىق قايناق ھىسيات خالاس.بۇنى ھازرچە ھەقىقي مۇھاببەت دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ ،پەقەت ۋاقىتلا ئۇنىڭ راست يالغانلىقنى ئسپاتلىيالايدۇ.ۋاقىتنىڭ ئۆتشىگە ئەگىشىپ ھازرقى بۇ ئوتتەك قىزغىنلىق بارا–بارا سۇسلىشدۇ،ياكى بولمىسا كۈنلەرنىڭ بىردە سەن يەنە شۇنداق ئىسل ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭدا ھازرقى قايناق ھىسياتنى ھەم ئۇنى پۈتۇنلەي ئۇنتۇيسەن. مانا مۇشۇنداق ھەققي مۇھەببەتنىڭ نىملىكىنى بىلمەي ئازاپ تارتىۋاتقان ئادەملەر ئاز ئەمەسقۇ!

مۇشۇ سەۋەپتىن نورغۇن كىشلەر ئۆز بەختنى ئۆزى نابۇت قىلماقتا،قىممەتلىك ۋاقتىنى ،زىھنىنى ئىسراپ قىلماقتا.بۇ قىسقىغنە ئوتتەك قىزقىش،قايناق ھىسياتلار ئاخىرلاشقاندا بولسا بىر بىرنىڭ نەزىردە ۋاپاسز ئالدامچىغا ئايلانماقتا.ئەڭ يامان بولغىنى،كۆرگەنسەن، يۈسۈپ–زۇلەيخا،پەرھات–شىرن،تاھىر–زۆھرە ،غىرپ–سەنەملەر پاك مۇھەببەت ئىزلىرنى قالدۇرغان مۇھەببەت دۇنياس بۈگۈنگە كەلگەندە تاشقى قىياپىتى بىر–بىردىن گۈزەل،چىرايلىق،قەددى–قامەتلىك ،كىلشكەن ،بىراق ئىچكى دۇنياسى گۇمانخورلۇق ،مۇرەككەپلىك ،قۇۋلۇق،ھېلگەرلىك،ياسالمىلىق،ئالدامچىلىق بىلەن تولغان نىقاپلىق كىشلەر بىلەن لىق تولۇپ چىن مۇھەببەتنىڭ ئورننى ئىمان،ئەدەپ–ئەخلاق ،شەرمى–ھايادىن پۈتۈنلەي چەتنىگەن ئەيىش ئشرەت كەيىپ ساپا ئىگەللەپتۇ.ئەگەرئۇلار بۇ دۇنيادا ياشغنى مۇقەررەر بولغىنىدەك،ئۇ دۇنيادا قايتا تىرلدۇرۇلۈپ قىلغانلىرنىڭ بىرمۇ– بىر سورغنى بىردىغانلىقمۇ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى كاشكى………

 –ئەگەر سەندىكى ھەققي مۇھەببەت بولۇپ قالسىچۇ؟

–ئەگەر بۇ ھەققى مۇھەببەت بولسا،كۈنلەر،ئايلار،ھەتتا يىللار ئۆتسمۇ سەندىكى ئوتتەك قىزغىنلىق،قايناق ھىسيات،ئۇنۇڭغا بولغان ئامراقلىق كۈندىن–كۈنگە كۈچۈيۇپ باردۇكى ھەرگىز سۇسلاشمايدۇ،يوقىمايدۇ.ئۇنى ئەڭ پاك ،ئەڭ چوڭقۇر يىرڭدە مەھكەم ساقلايسەن.ئاردىن يىللار ئۆتىسمۇ ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىماسنى خۇددى ھىلىلا كۆرگەندەك ئنىق ئەسلىيەلەيسەن،ئىيقان سۆزلىرى ھەرۋاقىت قۇلاق تۈۋۈڭدىن كەتمەيدۇ.خۇشال بولغىنىڭدا تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بەھىرلەنگۈڭ كىلدۇ،ئۇنىڭ بىلەن خىيالى سىردشسەن؛ئازاپلانغىنىڭدا بولسا تۇنجى بۇلۇپ يەنە ئۇنى ئەسلەيسەن.ئۇنى ئەسلىگنڭدە خىيال دىڭزىغا غەرىق بولۇپ ئازاپلىرڭنىڭ ھەممنى ئۇنتۇيسەن. لىكىن………

–لىكىن نىمە؟

–لىكىن بۇ ئشلار پەقەت ساڭىلا مەنسۇپ بولغان خىيالى دۇنيادا يۈز بىردۇ. رىئاللىققا قايتقىنڭدا بولسا ئۇ يوق. سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نورغۇنلىغان ھىسياتنىڭ تاغ–داۋانلىرنى بىسپ ئۆتسەن،بوران–چاپقۇنلىرنى باشتىن كەچۈرسەن،ئەمما ئۇ ھەممىدن بىخەۋەر .ئۇنى بىر كۆرۇشكە ئنتزار بولسەن،يىقملىق ئاۋازنى پەقەت بىر قىتم بولسمۇ ئاڭلىۋلىشقا ئنتلسەن.ئەڭ ئىغىر بولغاندا سەۋدايىغا ئايلىنسەن،يامغۇردىن،شامالدىن،قۇشلاردىن،گۈللەردىن،ئشقىلپ ھەممە نەرسىدىن ئۇنىڭ خەۋرىنى سورايسەن،ئىزدەيسەن،ئۇلارغا ھالىڭنى ئىيتىسەن،خىيالى مۇڭدىشىسەن.كۈتۇش،زارقىش ئىچىدە ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى كۈنلەرگە ئۇلاپ،مەنىسز كۈنلەرنى تۈنلەرگە ئۇلاپ ،كۈنلەرنى ئايلاردەك،ئايلارنى يىللاردەك ئۆتكۈزسەن،لىكىن ئۇ ھەممىدن بىخەۋەر…………………

–قانداقلا بولمىسۇن يەنە شۇ منى قىينايدىغان ئشكەنغۇ؟ ھۈ ھۈ ھۈ....

 –بولدى قىلە ئۇششۇق .شۇڭا ھەممنى ئۇلۇغ زاتقا ،ۋاقىتقا تاپشۇرايلى، ئۇلۇغ زاتتىن خۇددى مەن سنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان، سنى ئالدىمايدىغان،يىغلاتمايدىغان،بىر ئۆمۇر ساڭا ھەمراھ بولىدىغان ئىمانلىق،ئەدەپ–ئەخلاقلىق،سالىھ ھالال جۇپت ئاتا قىلشنى تىلەيلى بولامدۇ؟





570 قېتىم كۆرۈلدى xarwanam ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-22 15:00:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ