يامانلار
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
رەڭلىرىنى كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلدى يامانلار،
مەئىشەتكە ئالدىنىپ دىلنى ئەزدى يامانلار.
دۈشمەن ئەمەس دوستلارنى ئارلاشتۇرۇپ بىرلىشىپ،
خەنجەر ئۇرۇپ تىغ ئۇچىنى سانجىۋەتتى يامانلار .
تاپسا بىراۋ خۇشاللىق كۆرەلمەسكەن يامانلار ،
ھەسەت قىلىپ غەيۋەتنى باشلايدىكەن يامانلار.
خوشاللىقلار تاپاركەن قان ياشلارنىڭ نالىسىدىن،
دوستىلىرىنى يات كۆرۈپ چەتكە قاقاركەن يامانلار.
ھىيلسى بەك يامان ئورا كولاركەن يامانلار ،
چۈشۈپ كەتسە ئۆلسە دەپ قاغايدىكەن يامانلار.
بەخت تاپسا شادلىنىپ يەتسە ئاشىق ۋىسالغا ،
كۆز قىزارتىپ ئۇلارنى ئايرىۋېتەرىكەن يامانلار.
ياخشىلىققا يامانلىق قىلار ئىكەن يامانلار ،
ئەل يۇرتقا ئامانلىق تىلىمەسكەن يامانلار .
ئۇسسۇل ئويناپ مايمۇنلار يۈرسە تاقلاپ ئالدىدا،
تەڭكەش قىلىپ ئۇلارغا جۆر بولاركەن يامانلار.
دۈشمەنلەرگە ئىشىنىپ خۇشامەت قىلاركەن يامانلار،
يېقىنلىرنى ئىتتىرىپ خىيانەت قىلاركەن يامانلار.
توۋا دەيمەن شۇنچە، ھايات قىسقا ھەم چەكلىك ،
ياخشىلىقنى كۆرەلمەي روھى ئۆلەركەن يامانلار.
پۇلنى تۇنۇپ قېرىنداشنى تونۇمايدىكەن يامانلار ،
بىر قېيىقتا تەڭ بولسا پاتمايدىكەن يامانلار .
يەنە دىسەم يەنە شۇ قاغىش ئالغان يامانلار ،
لەنەت دەيمەن ئىنسانلىقىنى يوقاتقان يامانلار .
2016-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ( ئۈرۈمچى )
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 216 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 22:40:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|