ئەسلەيمەن
ئابدۇقادىر ئىزچى
شۇ گۈزەل يىزامنى، ئىلىق ئاددىي ئائىلەمنى ئەسلەيمەن ،
يىزامنىڭ گۈزەل باغلىرىنى،تۇپۇلۇق يولىرىنى ئەسلەيمەن.
مۇساپىرلىقتا گۈزەل نەرسىلەر ئۇچرىسىمۇ ھەي…يەنىنلاشۇ،
تۇپۇلۇق يىزامنى كەڭ كەتكەن ئىتىز دالىلارنى ئەسلەيمەن .
🌷🌷🌷🌷🌷🌷
ئەنە شۇ تۇپۇلۇق يوللاردا ماڭغانلىرىمنى ئەسلەيمەن ،
شۇ يىزامدىكى سەبى باللارنى ئۇماقلارنى ئەسلەيمەن.
ئۇلار شۇ ئانا تۇپراققا قانماي مىلىنىپ ئوينايدۇ ھەي …
مەنمۇ مانا ھازىر شۇ سەبى چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن.
🌷🌷🌷🌷🌷🌷
بىچارە ئاتانامنى قېرىنداشلىرىمنى ئەسلەيمەن ،
جاپاكەش يۇرتداشلار جامائەتلەرنى ئەسلەيمەن.
مۇساپىر شۇ سېغىش ئىچىدە ئەسلەيدىكەنسىز،
ھەي ………گۈزەل ئانا يۇرتۇمنى ئەسلەيمەن .
| 53 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇقادىر ئىزچى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-15 10:19:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|