مۇھاببەتكە تەبىر
قادىر ئابلەت
مۇھاببەت بىر قاچا ئوخشىغان تاماق،
ئۇنىڭغا بەك نۇرغۇن ئەجىرلەر سىڭگەن.
مۇھاببەت بوش پىشقان بىر زىخلا كاۋاپ،
قىزىلمۇچ ئۇنىڭغا بەك جىق سىپىلگەن.
مۇھاببەت زىمىستان قىشتىكى قۇياش،
قاراڭغۇ كىچىدە چىققان تولۇنئاي.
مۇھاببەت ئسىل مەي،زەھەر ئارىلاش،
بەزىدە ئەرزىمەس،پاتقاق ياكى لاي.
مۇھاببەت خوتەننىڭ ئسل گىلىمى،
ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ تۇرار ئۆز پىتى.
مۇھاببەت غۇلجنىڭ قايماقلىق چىيى،
مۇھاببەت چىرايلىق قۇلۇلە قىپى.
مۇھاببەت بەزىدە يىپيىڭى ھەسەل،
بەزىدە پىشمىغان تىخى توڭ ئۆرۈك.
مۇھاببەت شۇنچىلىك يىقىملىق غەزەل،
مۇھاببەت ئالماستىن كۆز قويغان ئۈزۈك.
2016-1-20
127 قېتىم كۆرۈلدى | قادىر ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-20 3:11:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|