ساۋاقداشنامە

ساۋاقداشنامە

 

ئەخمەتجان سېيىت

 

بىرباغدا ئېچىلغان، جۈپ_جۈپ غۇنچە بىز،

 بىر يىپقا تىزىلغان، سۈزۈك ئۈنچە بىز.

رىشتىمىز چىگىلگەن، مەھكەمدىن مەھكەم،

 مېھرىمىز جۇش ئۇرۇپ، تۇرغان بىر دېڭىز.

 

 مەكتەپ ھاياتى، تۈگەپ شۇنچە تېز.

يول ئالدۇق مەنزىلگە، سېلىپ نۇرلۇق ئىز،

بەزىمىز ئەل ئۈچۈن، ئەيلىسەك خىزمەت،

بەزىمىز سەھەردە، سۆيەرمىز ئېتىز.

 

بەزىلەر تۇپراققا، قويۇپ كەتتى باش،

 دوسلارنىڭ كۆزىدىن، لېغىرلىتىپ ياش.

سۆيەيلى بۈگۈننى، بەلكىم ئەتىلا—

 قالارمىز ئۇلارغا، بولۇپ قەبرىداش.

 

ساۋاقدىشىڭلا ئەخمەتجان سېيىتتىن

 2016-يىل2-ئاينىڭ12-كۈنى





666 قېتىم كۆرۈلدى ئەخمەتجان سېيىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-16 21:34:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-4 16:07:36 روشەنگۈل
بەك ياخشى يېزىپسىز
2016-3-11 9:09:11 گۈلجەننەت
بەك ھوزۇرلاندۇق
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ