گۈزەل غۇلجا - مېھىرنىسا قۇربان

   گۈزەل غۇلجا

مېھىرنىسا قۇربان

ئانا يۇرتۇم گۈزەل غۇلجىنىڭ،
ساپ ھاۋاسى دىلغا ياقىدۇ.
ئوتتۇرىسىدا دولقۇنلار ياساپ،
ئىلى دەريا سۈيى ئاقىدۇ.

ئانا يۇرتۇم گۈزەل غۇلجىنىڭ،
باغلىرىدا مىۋىسى تولا،
ئېچىلىدۇ رەڭمۇ رەڭ گۈللەر،
باغ ھۆسىنىگە قوشىدۇ جۇلا.

ئانا يۇرتۇم گۈزەل غۇلجىنىڭ،
يوللىرى تۈز قاتنىشى راۋان.
نەگە بارغۇڭ بولسا ئەگەردە.
مەنزىلىڭگە يىتىسەن ئاسان.

ئانا يۇرتۇم گۈزەل غۇلجىنىڭ،
خەلقلىرى ئاقكۆڭۈل ئىشچان.
يارىتىدۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ،
ئەمگەك قىلىپ بەكمۇ تىرىشچان.

ئانا يۇرتۇم گۈزەل غۇلجىنىڭ،
مىللەتلىرى ياشايدۇ ئىناق.
خاتىرجەملىك تىنچ تۇرمۇشنى،
كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ ھەرۋاق.

ئانا يۇرتۇم گۈزەل غۇلجىنىڭ،
كىلەچىكى گۈزەلدۇر پارلاق.
بىر نىيەتتە ئالغا بېسىشقا،
يۈرەكتە بار ئوتلۇق ئىشتىياق.

2016-9-4غۇلجا شەھىرى
     





30 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-4 16:25:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ