ئاجىزلارغمۇ - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 ئاجىزلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  بارچۇق ئوغلى

پۇل تاپقان بولساڭ ئەل ۋەتەننى سۆي،
يېتىم يوقسۇزغا ئاجىزلارغا كۆي.
ئىللىق بىلىنسۇن شۇلارغىمۇ ئۆي ،
ئاجىزلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

ئۆزېمىز ئۈچۈن ياشاۋەرمەيلى،
نېمىنى كۆرسەك قاساۋەرمەيلى.
بايلىققا جاننى ئاتاۋەرمەيلى،
ئاجىزلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

يېگىلى نان يوق ئىچكىلى ئېشى،
قېتىقلىق دائىم ئۇلارنىڭ بېشى.
يوقسۇزچىلىقتىن ئاقمىسۇن يېشى،
ئاجىزلارغمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

ئاچ قالغان بىلەن يالىڭاچ قالماپتۇ،
ئاجىز بولسىمۇ يارسىز ياشىماپتۇ.
يار-يۆلەك سىز ئۇ يېتىم بوپقاپتۇ،
ئاجىزلارغمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

ئاجىزلار ئەسلى ئاجىز ئەمەستى،
بۇرۇن ھىچكىممۇ ئاجىز دېمەستى.
شۇلارمۇ بىزدەك غەمسىز  يۈرەتتى،
ئاجىزلارغمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

كىمنىڭمۇ شۇنداق بوپ قالغۇسى بار،
ئاجىزمىسكىن بوپ قىينالغۇسى بار.
ئۇلارغا ئالەم بىلىنمىسۇن تار،
ئاجىزلارغمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

تۆت كۈنلۈك بولۇر بىزگە بۇ ئالەم،
ھامان كېتەرمىز دۇنيادىن ئادەم.
ئۆلۈپ كەتكۈچە قىلايلى ياردەم،
ئاجىزلارغمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.

ئۈندىدار 2318334127
2016...9...16
     





80 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-5 0:21:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ