بىلسىڭىز - رىزۋانگۈل (مودەن)

         .............بىلسىڭىز.............
رىزۋانگۈل (مودەن)


ئ‍ۇندىدارغا قۇشۇسىز ،سالام بىلەن سورايسىز،
نەدىن زادى ئ‍ۆزىڭىز، نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

تۇنۇشايلى بىز بۇگۈن،سىردىشايلى كۈنۇ -تۈن،
يوللاپ بىرىڭ رسىمنى ،كۆرەي ياشمۇ ،قېرىسىز؟.

ئ‍ەدەپ بىلەر يىگىتلەر ھۆرمەت قىلار ئ‍ۆزگىنى،
خانىم -قىزلار يېشىنى سورىمايدۇ بىلسىڭىز.
بەلكىم چوڭدۇر ياشلىرى،ياكى تەڭدۇر سىز بىلەن،
ئ‍ويلاپ كۆرۈڭ سىزنىڭمۇ باردۇر ئ‍اچا-سىڭلىڭىز.

كۆرسەتمىسە سۈرەتنى تېخى يامان ئ‍اچچىقىڭىز،
ھۆرمەت قىلغان ھەر ۋاقىت ئ‍ىززەت كۆرەر بىلسىڭىز.

سىزنى قوشقان قىزلارنىڭ ئ‍ائىلىسى بار بەلكىم،
خىجىل قىلماڭ ئ‍ۇلارنى ،ھەمشىرىڭىز بىلسىڭىز.

نىيەت بولسا گەر ئ‍الا،بالا بولار بۇ باشقا،
ھەركىم قىلسا ئ‍ۆزىگە،بۇدۇنيادا بىلسىڭىز. 


2016-يىل 1-ئ‍ۆكتەبىر.مايتاغ

     





77 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-1 17:43:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ