​سېغىنىش - رەيھانگۈل راشدىن

سېغىنىش
«رەيھانگۈل راشدىن»

قايغۇغا چىلاشقان بۇ مىسكىن  يۈرەك،
ئاھ دەپلا ھىجراندا يۈرەرمۇ تېنەپ؟
سېغىنش ئوتىدا باغرى قان تىلەك،
مۇڭلارغا چۇكتىغۇ  زارلاندى ئەجەپ.

كەچكۈزنىڭ يىگانە ياپراقلىرىدەك،
غېرىبلىق ئېچىدە ئۆتىدۇ كۈنۈم.
ئىللىقلىق ئېلىپ كەل ماڭا باھاردەك،
سېغنش ئىلكىدە ئۆتمەكتە تۈنۈم.

سېنىڭسىز ھاياتنىڭ لەززىتى يوقتەك.
خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈپ باقمىدىم.
بىر ئۆمۈر ئازابقا دۇچار بولغاندەك،
گاھدا قېنىپ بىر كۈلۈپ باقمىدىم.


ۋىسال 2016-9-25.
     





65 قېتىم كۆرۈلدى رەيھانگۈل راشدىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-30 10:52:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-30 17:10:13 umarjan
ياخشى يىزپسىز ، تېخىمۇ ئ‍ېسىل شېئىرلارنىڭ يىزشىڭزغا تىلەكداشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ