ئوغرىسەن
ساتىرا
ئادىلجان ئوتقاش سەھرايى
بۇگۈن سېنى ساۋايمەن،ھەقتىن ئازغان ئوغرىسەن،
ئەجىر قىلماي زەررىچە ھوسۇل ئالغان ئوغرىسەن،
ئەسەر يازسا بىراۋلار ئىسم قويغان ئوغرىسەن،
ئوغۇرلۇقنى بىر كەسىپ ،خىزمەت قىلغان ئوغرىسەن،
كۆچۈرمىكەش ،قارا يۈز،نامى يالغان ئوغرىسەن.
ئىككى دەررە ئۇرايمەن باشلاپ قىززىق پاراڭدىن،
تاتلىمسام ياخشىتى ئەسلى يىغىر ياراڭدىن،
قۇتۇلماق مىڭ تەس بولدى سەن ئالجىغان ساراڭدىن،
پەخىرلىنپ يۇردۇڭمۇ يۈزۇڭدىكى قاراڭدىن،
ئارىمىزغا شۇمبۇيا ئۈنۈپ چىققان ئوغرىسەن،
نەسلى شەيتان داداڭمۇ ،قاچانلاردا تۇغۇلدۇڭ،
ئادەم ئەمەس ھايۋاندىن خۇي پەي ئېلىپ بۇزۇلدۇڭ،
كۈندە شېئىر ئوغۇرلاپ مىنڭ دەپلا تونۇلدۇڭ،
تۇتۋالسا ئاپتۈرى گەر، يالۋۇرۇپلا قۇتۇلدۇڭ،
زەھەر سېلپ شەربەتكە ئەلگە سۇنغان ئوغرىسەن.
زەپمۇ ئىچم ئاغرىيدۇ چاشقان كەبى ھالىڭغا،
تۇتۋالسا ۋاي توۋا يالۋۇرغان شۇ نالىڭغا.
ئۆلتۈرۋەتسەم قاپقاندا تىڭشماستن زارىڭغا،
ئېسپ قويسام ئاپتورنىڭ ئىسمىنى بىر بوينۇڭغا،
شۇ قەلبىڭگە ئالەمچە ھەسەت تولغان ئوغرىسەن.
سەنمۇ ئادەم بالسى ياكى قولۇڭ چولاقمۇ؟
ئاڭلىمامدۇ بىلمىدىم ئىشەكچىلىك قۇلاقمۇ؟
ساڭا ئاسان ئوغۇرلاش جاپامۇ يوق شۇنداقمۇ؟
ساڭا ئابرۇي نام ئەمەل شۆھرەت شۇنچە كېرەكمۇ؟
نۇمۇسسزلق مىدالنى ھەر يەر ئاسقان ئوغرىسەن،
ئاق ناننى تەل قىلارغا ياكى ئاپتور داداڭمۇ،
تۈزەلمىسەڭ ۋاختىدا ئىزچى بولار بالاڭمۇ،
لېچەكتىنمۇ كۆرىنەر تارتساڭمۇ گەر قاراڭمۇ،
ئويلا ئىنسان بالسى ياكى ئاپتور ساراڭمۇ؟
ۋىجدان-غورۇر قەدىرسىز،دۆۋلەپ ساتقان ئوغرىسەن.
ساڭا ياخشى كۈن يوقتۇر ئاڭلاپ قويغىن شەرەپسز،
يوقتۇر ھېچبىر قىممىتىڭ ئەخلەتتىنمۇ كېرەكسز،
چاقىرسا ھېچ سادا يوق،ئەسلى توخۇ يۈرەكسز،
تېپلمايدۇ ئىزلىسە چاشقان كەبى دېرەكسز،
توغرا يولدىن خاتاغا قەدەم ئالغان ئوغرىسەن.
يىتىم قىلدىڭ تالايلاپ ئاپتورى بار ئەسەرنى،
قىممىتى يوق كېسەكتەك قىلدىڭ ئېسل گۆھەرنى،
قازالمىدى ئوقۇرمەن ئۇنىڭدىن بىر جەۋھەرنى،
ئىچەلمىدى تەشنالار تامچە يۇتۇم كەۋسەرنى،
تېپۋالسا ئاپتورى بەدەر قاچقان ئوغرىسەن.
ماڭساڭ ئەگەر ھەق يولدا ساڭا زەم زەم تۇتاتتىم ،
ئۈلپەت بولۇپ سەن بىلەن زەھەر بولسا يۇتاتتىم،
دۇرۇس بولساڭ،سەن ئۈچۈن ھەتتا قۇربان بولاتتىم،
كۆكتە بىرگە سەن بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئۇچاتتىم ،
قۇلى بولۇپ شەيتاننڭ، دىپىن چالغان ئوغرىسەن.
يازالايسەن ئۆزۈڭمۇ تىرشساڭلا ئەزەلدىن،
بۇلاق بولغىن ئىلىڭگە زەم-زەم بولۇپ ئەجىردىن،
چاقناپ تۇرغاي يۇلتۇزلار،مېسرايىڭدا مېھىردىن،
ھالال مېۋە شاتلىغى كەتمىگەي شۇ چېھىردىن،
تۈزەتمەي شۇ ئىللەتنى چۆلدە قالغان ئوغرىسەن.
2017-يىل(مارت)جىجياڭ
84 قېتىم كۆرۈلدى | otkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-29 8:52:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-30 17:02:51 | كىپىنەك |
ئىلھام دىگەن بەك كەپتىغۇ،شۇنداق پەيزى يىزىپسىز،ئوغرىلارنىڭ يۈزى قىزىرىپ ئوت بوپ كەتكۈدەك |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|