بىزارمەن (شېئىر)
ئىسلامجان ماخمۇتجان
بۇلبۇل بولۇپ گۈل ئۈچۈن سايرىماستىن بىزارمەن،
ھەق ئىگىلسە ۋىجدانى قاينىماستىن بىزارمەن .
دۇنيا ئۈچۈن ھارامنى ئايرىماستىن بىزارمەن ،
ئەركەكلەردەك بېلىنى باغلىماستىن بىزارمەن ،
ئەل ۋەتەننىڭ ئىشىغا يارىماسدىن بىزارمەن.
ھەزىلكەشلىك نىشانى باشقىلاردىن ئاڭلىسام،
تۇتار ئىكەن كېسىلى ئەل ۋەتەننى داڭلىسام،
خۇش بولامىش كۆڭلىدە ھەقىقەتنى خارلىسام،
يىتىملارنىڭ يىشىدا سۇغۇرۇلسام ئاينىسام،
جاھالەتكە ھومىيىپ قارىماستىن بىزارمەن.
ئاق ماتادىن ياساللاغان يەتتە قەۋەت سەللىسى،
ئىسسىق سۇغاق قىلارمىش بولۇپ پىرىم نەۋرىسى،
جىن شاياتۇن قورالى توشتۇرماققا غەللىسى،
بەش ،ئون سومغا ئىش پۈتمەس قۇي كالىدۇر غەلۋىسى ،
ھەق يولىدا قولىنى كۆتۈرمەستىن بىزارمەن .
تولا قىلىپ گىرىمنى ئاشنا بولۇش كىرىمى،
ھەمراھ بولار قاۋاقتا چۈشمەس قولدىن چىلىمى،
ھارام پۇلغا باغلىغان ئائىلىنىڭ غىمىنى،
تۆت تەڭگىگە خار قىلغان،ئىپپىتىنى جىنىنى،
شەرمىي ھايا،ئۆلۈمنى ئويلىماستىن بىزارمەن.
ئەلللەي ئەتكەن ئاتىنى ئەلدە يۈززىسز قىلغاندىن ،
تالايلارنى قاقشىتىپ يۈرىكىنى تىلغاندىن،
ھوكۇل قىلىپ زەھەرنى بىلىكىگە ئۇرغاندىن،
زەھەر سېتىپ پۇشقاقتا مال دۇنياغا تىنغاندىن،
قاباھەتلىك ئۇيقىدىن ئويغانماستىن بىزارمەن.
ئاڭلا ئەخىر بولدى بەس قاقشاۋەرمە دۇنياغا،
ھەق يولىنى ئۇنتىغان ئەقلى چالا گوللارغا،
ئنساپ تىلە ئىگەڭدىن ئازغان ئاشۇ قوللارغا،
كەلسە ئەگەر قولۇڭدىن باشلا تۇغرا يوللارغا،
ئازغانلارنى ھەق يولغا باشلىماستىن بىزارمەن.
35 قېتىم كۆرۈلدى | ئىسلامجان ماخمۇتجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-23 21:42:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|