يەنىلا كۈتەي (نەسىر) - تۇرغۇن راخمان

يەنىلا كۈتەي
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تۇيغۇلىرىم ئەركىلەيدۇ،
سۆيۈشلەرنى خىيال قىلىپ، جانىم پەقەت بىر سەن ئۈچۈن.
كېلەرسەنمۇ گۈللەر سۇنۇپ؟
ۋۇجۇدۇمغا شادلىق سېلىپلا كىتىپ قالمىساڭ بولاتتى،بىلگىن جانىم،مەن بەرداشلىق بېرەلمەيمەن.لىكىن سىزنى ئەسىرلەر كۈتۈشكە تېنىقىم چوقۇم يىتىدۇ......

سۆيەلىساڭ ئەقىدەڭدە دىللىرىمنى مەستخۇش ئېتىپ،
يايراپ كېتەر يۈرەكلىرىم،جامالىڭغا شەيدا بولۇپ،
سۆيەر ئىدىم جانىم سېنى،بىر ئۆمۈرگە ھەمراھ بولۇپ،
جېڭ جانىم،بۇ دۇنيانىڭ ھەسرەتلىرىدىن خالىي بولۇپ.

بۇ دۇنيادا كۈلەلمەي،ئۇ دۇنيادا كۈلەمدۇق؟
مېھرى ۋاپا ئەيلىمەي،دوزاق ئوتى كۆرەمدۇق؟
ئەزرائىللار سوت ئاچسا،تىرناق تاتلاپ يۈرەمدۇق؟
ئاھ ئېسىت دەپ،ياشلىق دەپ،پۇشايماندا يۈرەمدۇق؟

توختا دېمىگىن جانىم،شۇ تاپتىمەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم. پەقەت سىزنى ئەبەدىي سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.مەن يەنە نېمە دېيەلەيتتىم.پەقەت مۇڭسىرغان خىياللىرىمدا كۈتۈشتىن  باشقىسى يوق.
كۈتەي،باشقىسى ئارتۇقچە،يەنىلا كۈتەيچۇ ......
  





80 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-9 12:17:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ