مەن ساڭا سۆيىدىغىنىمنى ئېيتمايمەن

مەن ساڭا سۆيىدىغىنىمنى ئېيتمايمەن.

مەن ناھايىتى ياخشى يوشۇردۇم، چۈمبەل تارتىۋالغان ئادەم قاپقاراڭغۇ كېچىدە تۇرغانغا ئوخشاش، سەن مېنى كۆرەلمەيسەن، تەبىئىيلا مېنىڭ بىر بۇلۇڭدا تۇرۇپ تۆككەن ياشلىرىمنى كۆرەلمەيسەن، مەن ياشلارنىمۇ جىمجىتقىنە تۆكىمەن...

مەن بۇرۇن ئۆزەمنى يەردىكى دەريا، سېنى ئاسماندىكى بۇلۇت دەپ بىلەتتىم، سەن مېنىڭ يۈرىكىمدە ئەكىس ئېتەتتىڭ، مەن ماڭغان ھەر بىر قەدەم ئىزلىرىمنى ساڭا ئايلاندۇرۇپ، قەدەم ئىزلىرىم بىلەن كېيىنكى ئۆمرۈمنى باغلىدىم، مەن ئوت-چۆپلەرگە، يول ياقىسىدىكى ئەمدى چىشى چىققان سەبىيلەرگە، سۈت پۇراپ تۇرىدىغان نەمخۇش ھاۋاغا، دەرەخكە قونۇۋىلىپ جېنىنىڭ بارىچە سايرايدىغان قۇشلارغا، بارلىق گۈزەل شەيئىلەرگە سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى جاكارلىدىم. لېكىن بىرلا شامال چىقىپ بارلىق ئاۋازلارنى ئۈزۈۋەتتى، ئۈزۈك-ئۈزۈك ئاۋازلار يۈزلىرىمگە ئۇرۇلدى، مېنىڭ ياش تۆككۈم كەلدى، لېكىن مەن ياشنىمۇ شۇنچىلىك جىمجىتقىنە تۆكتۈم.

سەن ماڭا نىسبەتەن يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ، مەن شۇنچىلىك چوقۇنۇش بىلەن ساڭا تىكىلگىنىمدە، سەن رەھىمسىز سۈكۈتلىرىڭ بىلەن مېنىڭ قىزغىنلىقىمنى توڭلاتتىڭ، مەن چۆچۈگىنىمدىن ئورنۇمدا تۇرۇپ قالدىم، مەن ئالدىمغا مېڭىشنى ياكى ئارقىمغا چېكىنىشنى بىلمىدىم، لېكىن سەن ماڭا شۇنداقلا قاراپ قويساڭ، مەن يەنە بىر خوشال كۈچۈككە ئوخشاش قۇيرۇقلىرىمنى شىپاڭشىتىپ سېنىڭ ئارقاڭدىن ئەگىشەتتىم.

مەيلى سوغۇق كۈزدە بولسۇن ياكى قىزىق ئاپتاپتا بولسۇن، سەن تۆت پەسىلدىكى ئىسسىق كۈن نۇرى، لېكىن سەن قوشۇماڭنى تۈرسەڭ، مېنىڭ پۈتكۈل دۇنيارىم قاراڭغۇلۇققا تولىدۇ، خۇددى پۈتكۈل دۇنيانى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك، مېنىڭ دۇنيارىم مالىمانچىلىققا تولىدۇ. مەن سەن ئۈچۈن ھەممىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن ھە ؟ لېكىن مەن يەنىلا جىمجىتقىنە سېنى سۆيىمەن، جىمجىتقىنە يېنىڭدا تۇرۇپ سېنى كۆزىتىمەن، سېنى ياخشى بولسىكەن دەپ ئويلايمەن، ساڭا:« قوزام، قورقمىغىن، مەن بار» دېسەم دەپ ئويلايمەن. لېكىن مەندە ئۇنچىلىك جاسارەت يوق، مېنىڭ مۇھەببىتىم راستتىنلا ساڭا قاراشقا، يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇ سېنىڭ رەت قىلىشىڭ ۋە ئېتىبارسىز نەزەرلىرىڭدىن قورقىدۇ، ئۇ ئاغرىغىنىدىن مېنىڭ يۈرەكلىرىمنى سىقىۋىتىدۇ.

لېكىن سېنى سۆيۈش، راستتىنلا رومانتىك ئىش، شۇڭا مەن سەن ئۈچۈن شېئىر يازىمەن، سەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل جۈملىلەرنى ساقلايمەن، قاراشلىرىڭدىكى شۇ ھەسرەتلەرنى يوقاتسام دەيمەن، مەن پەقەت خەتلىرىمدىلا شۇنچىلىك يۈرەكلىك، قورقماي ساڭا ئەركىلىيەلەيمەن. سەن ماڭا نىسبەتەن شۇنچىلىك ھۆرمەتلىك، سەن مېنىڭ قەلبىمدىكى يەنە بىر ئېتىقاد.

لېكىن، مېنىڭ مۇھەببىتىم ساڭا نىسبەتەن بار بولسىمۇ يوق بولسىمۇ بولىدىغان يېپىنچا، سەن توڭلىغاندا يېپىنىدىغان، لېكىن يېپىنغاندا ئەسلەيدىغىنىڭ مېنىڭ ئىسمىم ئەمەس. مەن سېنىڭ بېشىڭنىڭ ئۈستىدە ئەگىپ يۈرىدىغان پەيگە ئوخشاش، شامالدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، سېنىڭ كۆزۈڭگە قاراپ، كۆزلىرىڭنىڭ قۇيرۇقىدىن ياشلارنىڭ ئاستا سىرغىپ چۈشۈشىگە شاھىت بولىمەن...مەن سەن ئۇسسىغاندا ئىچىدىغان بىر ئىستاكان سۇ، ئۇيقۇڭ كەلگەندە ياتقۇڭ كېلىدىغان كارىۋات، مەن سېنىڭ ئېھتىياجىڭنىڭ بىر قىسمى، ھەممىسى ئەمەس.

مېنىڭ ئېغىزىمغا بېرىپ قالغان شۇ مەن سېنى سۆيىمەن دىگەن گەپنى ئامال يوق يۇتۇۋېتىمەن، مېنىڭ ساڭا دېمەكچى بولغان قەلب سىرلىرىم، شامالدا قولدىن ئايرىلغان لەگلەككە ئوخشاش ئىگىسىنى تاپالمايدۇ....

نېمە بىلەن سېنى سۆيىدىغىنىمنى ئىسپاتلىساممۇ ئامال يوق، مەن كۆرگەن بۇلۇتلار، تۇرخۇندىن كۆتۈرۈلگەن ئىسلار، ماڭغان چىغىر يوللاردىكى گۈللەر بىلەن ئىسپاتلىساممۇ ئامال يوق، سەن رەھىمسىزلىك بىلەن مېنى ئىتتىرىۋەتتىڭ، مەينەت بولۇپ كەتكەن قورچاقنى تاشلىۋەتكەندەك مېنى تاشلىۋەتتىڭ...مەن نېمىنى ئىسپاتلىيالايتتىم؟ مەن پەقەت جىمجىتقىنە كەتتىم، سۈكۈتتە سەندىن ئايرىلدىم، سېنىڭ يېنىڭغا سەن ئۇنى كۆرسەڭلا كۈلۈمسىرەيدىغان بىرىنى كەلسۇن دەپ...





419 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 2:46:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 17:53:31 delhumaa
bak yahxi yizeliptuu…yahturdum
2015-8-7 16:47:14 Muslima
Bak yahxi yezilgan asar boptu man bak yahturdum.
2015-8-6 23:20:40 Aliya
bak yahxi yizliptu .. Bak yahturdum ..
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ