دادام كەتتى

دادام كەتتى

 

ئاتىكەم ئەيسا

 

 بۈگۈن تاشلاپ مىنى يالغۇز،

 مىھرىبانىم دادام كەتتى.

 مىنى جاندىن ئەزىز باققان،

 قەدىردانىم دادام كەتتى.

 

 مەن ئۈچۈن باغرى سەكپارە،

 جاپاكەش جان دادام كەتتى.

 يامان كۆزدىن يىراق قىلغان،

 تىلتۇمارىم دادام كەتتى.

 

 يىغلىسام باغرى سەكپارە،

 غەمگۈزارىم دادام كەتتى.

 يىقىلدۇرماي يۇلەپ باققان ،

 يۈلەنچۈگۈم دادام كەتتى.

 

 بوينىدا كۇتۇرۇپ باققان ،

 تۇلپارىم جان دادام كەتتى.

 مىنى جەڭ بەيگىگە قاتقان،

دۇلدۇلۇم جان دادام كەتتى.

 

 بىشىمغاكۈن چۈشۈرمەي باققان،

 سايىۋەنىم دادام كەتتى.

 مەن ئۈچۈن قانات بوپ قاتقان ،

 ئوڭ قاناتىم دادام كەتتى.

 

 سىرلىرىم قالدى پىنھانە،

 سىردىشىم جان دادام كەتتى.

 تىنىدىم ئادىشىپ يۇردۇم،

يولباشچىم جان دادام كەتتى.

 

 قەلبىمدە قالدۇرۇپ ھەسرەت،

 شاتلىغىم جان دادام كەتتى.

 بۈلبۇلۇم سايرىماس ئەمدى،

 چىمەنزارىم دادام كەتتى.

 

 ئەزان بىلەن ئويغۇتۇپ باققان،

 تاڭ خۇرازىم دادام كەتتى.

دۇئا بىلەن ئامان قىلغان،

بەخىتنامەم دادام كەتتى.

 

 يۇلەكسىز مەن بۇلۇپ قالدىم،

 تۈۋرۈگۈم جان دادام كەتتى.

 ئۈمۈت قەلبى تولدى ھەسرەتكە،

 خۇشاللىغىم دادام كەتتى.





181 قېتىم كۆرۈلدى ئاتىكەم ئەيسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-20 9:43:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ