شەھلا كۆزۈڭ (شېئىر) - ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى

 شەھلا كۆزۈڭ
 ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى

نۇرلۇق كۆزۈڭ كۆڭۈلنى گۈللەپ ،
 ئاي كىرپىكىڭ ياردىغۇ  دىلنى.
 قاش بۇرنۇڭ كۈل قىلىپ ھەممە،
 تولدۇردۇڭغۇ قەلىبكە گۈلنى.

 شەھلا كۆزۈڭ لال قىلىپ ئەلنى،
بولدى ئاشىق ساڭا بىقارار .
 ئورغاق قېشىڭ مەپتۇنلار قىلىپ ،
سەن ئۈچۈن ھەردەم سۆز قىلىپ تۇرار.

 كۆزۈڭ قېشىڭ قىلىپ مەس بىزنى،
كىچىلەردە ئۇخلاتماي قويار.
 شېرىن چۈشكە قىلىپ سەن بەند،
 ھەر كويلارغا سېلىپمۇ قويار.

مەغرۇر ئەمەس گۈزەل قىزدۇرسەن،
 كۆيىمىزغۇ ھەم پەرى خۇلقىڭغا.
تاشقى گۈزەللىك پەقەت راست ئەمەس،
ئىچكى گۈزەللىك مەڭگۈلۈك ئەسلا.


   2017-01-15
 ئۈندىدار   1182596903





118 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-19 20:52:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ