قېرىنداش (شېئىر) - ئالىمجان تۇرسۇن پىنھان

قېرىنداش
 ئاپتورى: ئالىمجان تۇرسۇن پىنھان

سىنىڭ ئۈچۈن بارىدىن كىچەلەيدۇ قېرىنداش،
سىنىڭ ئۈچۈن يارىدىن كىچەلەيدۇ قېرىنداش.
ئۆزى يۈرسە سوغۇقتا ئىسسىق يەرگە تەلمۈرۈپ،
سېنىڭ ئۈچۈن يېپىنچا ياپالايدۇ  قېرىنداش.

سېنىڭ ئۈچۈن داۋاندىن ئۆتەلەيدۇ  قېرىنداش،
سېنىڭ ئۈچۈن جاھاندىن كېتەلەيدۇ  قېرىنداش.
ھەسەت قىلماس  ھەرگىزمۇ كۆرسەڭ ئەگەر ھالاۋەت،
ئۆزىگىمۇ كېلىشنى كۈتەلەيدۇ ، قېرىنداش.

ئاغرىپ قالساڭ ئەگەردە كېلەلەيدۇ  قېرىنداش،
چىرايىڭدىن ھەممىنى بىلەلەيدۇ قېرىنداش.
بىلسەڭ ئېيتاي دوستلىرىم  قەدىرلىگىن تۇغقاننى،
سېنىڭ ئۈچۈن جېنىدىن كېچەلەيدۇ  قېرىنداش.

لوپ ناھىيە بۇيا يېزا     ئۈندىدار:saltanat1813
🌹ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ🌹
     





59 قېتىم كۆرۈلدى saltanat181 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 9:40:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ