بارلۇق تېغىم
ئابدۇماناپ جېلىل مىسىكەر
بارلۇق تېغىم، بارلۇق تاغ،
پايانىڭ يوق يارلىق تاغ.
مۇستەرىغمەن ھۆسنۈڭگە،
چوققاڭدا قار، ئاستىڭ باغ.
تىمتاسقىنە ياتارسەن،
ئەسىر بويى تولغۇنۇپ .
ھەۋىسىم بار، ئىشقىم بار،
ھاياجىنىم ئويغۇنۇپ.
ئىسمىڭ زەپمۇ ياراشقان،
جىسمىڭغا ئەي بارلوقۇم.
سۇناي ساڭا ئاز كۆرمە ،
شېئىرىمدىن "قارلىقىم".
دېپسىن *خەلپەت* گوياكى،
بالىلىرىڭ مىسالى.
قاراپ تۇرار يىراقتا،
نىمىلەردۇر خىيالى!
مەدىھلەيمەن مەن سېنى،
يۈرىكىمدىن ،ئىشقىمدىن.
ئەل سۆيمىگەن ئەر ئەمەس،
يۈرەك كۈيەر مىھرىڭدىن!!
دېپسىن، خەلپەت -شىخودىكى تاغ ناملىرى
گۈزەل بارلۇق تېغى باغرىدىكى گۈزەل يۇرىت تولىدا يېزىلدى.
2016-يىل 15-يانۋار جۈمە
| 99 قېتىم كۆرۈلدى | abdumanap | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-15 22:23:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|