ئايلىنىپتۇ قسمەتكە بىردەملىكلا ھسيات

ئايلىنىپتۇ قسمەتكە بىردەملىكلا ھسيات

 

ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام

 

بېرىپ مەيلى كۆڭۈلنى قاش ئاتقانغائالدىراپ،

ئېچىۋىتىپ ھايانى تۈن بەزمىگە قاتىراپ.

كېسەل ئاخىرچىرمىغاچ كۈندە چۈشكۈن كەيپىيات،

ئايلىنىپتۇقسمەتكە بىردەملىكلا ھىسيات.

 

تۇنجى قەدەم سۆيگۈدە چەيلىنىپ بولۇپ بەربات،

يانماس بوپتۇ ئويۇندىن قەلبىدە چېكىپ پەريات.

پتېىپ قېلىپ شەيتاننىڭ پاتقىقىغا پەندىيات،

ئايلىنىپتۇ قىسمەتكە بىردەملىكلا ھىسيات.

 

نەسھەتكە رايى يوق يابىلمەيدۇ ھىچ ئۇيات،

شۇڭا لەيلەپ يۇرگەنمىش ئشرەتتىن تېپىپ قانات.

ئۈمىد شامى ئۆچۈپتۇ ئۆلۈم پۇراپ بۇھايات،

ئايلىنىپتۇ قىسمەتكە بىردەملىكلا ھسيات .





112 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-14 18:15:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ