ئۇيغۇر قىزى
پىنھان يازمىسى
ياراتقانكەن كېرەم بىزنى زىمىنغا ئۇشبۇ زىننەتتە،
گۈلى بولسۇن چىمەننىڭ دەپ بېرىپ رەڭ ھەم لاتاپەتتە .
ھاياتلىق بۇلقىغا ئوخشاش قوشۇپ مىھرى مۇھەببەتتە،
شۇنىڭچۈن گۈللىدى ئالەم بۈگۈنكى ھۆر زامانەتتە.
قېنى بار بىزدە ئەجدادنىڭ ئەرك چۈن زور كۈرەش قىلغان،
كۈرەشتە جەڭدە مەيداندا يىگىتتەك جان پىدا قىلغان.
ئۆزىگە مەرد - جەسۇرلۇقنى ، ھۆسىن، ئەقىلنى، جەم قىلغان.
شۇڭا " ئۇيغۇر قىزى " ئىسمىڭ بىلەن ئەرلەرمۇ ھەيرەتتە.
ئاۋازىڭ زىللىقى بىرلە تومۇچۇق شاختا تاڭ قالسۇن،
بويۇڭ زىلۋالىقى بىرلە چىمەندە لالە باش سالسۇن.
قەدەم ئالساڭ يىنىك پەيدەك ھاۋادا قۇشمۇ چاڭ سالسۇن ،
دېمەك چىھرىڭمۇ ئوخشايدۇ تولۇن ئايغا بۇ ھالەتتە .
خېلى مەن- مەن دېگەنلەرمۇ يىقىلغاي شۇ پىراقىڭدا ،
كۆيۈپ پەرۋانىدەك ئەگىپ ئۇرار تەننى چىراقىڭغا.
ئاگاھ بول يات نەزەرلەردىن ئەجەل قالسۇن يىراقىڭدا،
چېچەك ئاچسۇن باھار پەسلىڭ قويۇپ ياۋنى خىجالەتتە.
قەدىرلە گۈل ھاياتىڭنى،تۇماندا،تۈندە چاقماق بول،
ۋىسالىڭ شەربىنى ھەردەم جېنىڭدەك قوغدا باقماق بول.
ئەدەپ- ئەخلاقتا، ئىززەتتە، ئىجاد- ئەمگەكتە چاقناق بول،
شۇنىڭدا گۈللىگەيمىز ئەل قەلىب تۆرىدە ھۆرمەتتە!
196 قېتىم كۆرۈلدى | pinhana | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-14 18:53:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|