قارغىشلار ياغسۇن بالا ئوغۇرلىرغا

قارغىشلار ياغسۇن بالا ئوغۇرلىرغا ‏

 

 ‏ قارغىشلار ياغسۇن ئىپلاس بالا ئوغۇرلىرغا،

 ‏ قۇرۇپ تۇزۇپ كەتسۇن ئايلانسۇن مۇردىغا.

 ‏ قانچىلغان ئاتا-ئانلارنى قان يىغلىتىشتىڭ،

 ‏تۇپراقمۇ ئالماسمىكىن سەنلەرنى ئۆز قوينىغا. ‏

 

 ‏جازا توغرا كىلەرمۇ ئۈتكۈزگەن گۇناھىغا،

 ‏قۇلاق سىلىپ باقمىغانمىدۇ ئاتا-ئانلارنىڭ زارغا. ‏

 ئادەملەر تۇپىغا چوڭ ئەندىشە سىلىشتىڭ، ‏

 ھايۋانمۇ سەنلەر ھايۋانلارمۇ ئالماس ئۆز ئارسىغا.

 

‏ ‏ قانداقمۇ سۇنارسەن قۇلۇڭنى نارسدە بالىلارغا، ‏

سەبى كۈلكىللىرنى ئايلاندۇرۇشتتۇڭ يىغلارغا.

‏ تۇزۇپ كىتەر بىر كۈنى تاپقان ئەخلەت بايلىقىڭ،

كار قىلماس مەينەت پۇللىرىڭ جان ئالار ئەزرايىلغا. ‏

 

 ‏ دۇنيامۇ توۋا دەپ قالدى قىلۋاتقان قىلمىشلىرىڭغا،

 ‏ شەيتانمۇ ھەيرانە قورقماي ئۆتكۈزۋاتقان گۇناھڭغا. ‏

 ئاتا-ئانلارنىلار ئەمەس ئالەمنى ھۆر يىغىلىتىشتىڭ،

 ‏ قىلشارسەن بىر كۈنى ئەل-جامەئەت قارغىشغا.

 

‏ ‏كۆرەڭلەرشمە ھىلگەرلىكىڭدىن پاتماي جاھانغا،

 ‏ قان ياش ئاققۇزۇپ تاپقان مەينەت بايلىقلىرىغا.

‏ شۇنچە ئۇماق سەبىلەرنى نەلەردە خار قىلىشتىڭ،

‏ قانداق بىرىشنى ئويلاپ بىقىشتىڭمۇ ئۇ دۇنياغا. ‏ ‏

 

 ئەل قىساسى مىنەل ھەق پالتا چۈشەر بوينىڭغا، ‏

 پالتا بىلەن كىرەر ئادالەت شەمشىرى قۇينىڭغا. ‏

سەبىلەر كۈزدىن ئاققۇزغان بىر تامچە ياشنىڭمۇ،

‏ قىساسىنى بىرىپ كىتىشسە تېخى ئۇ دۇنياغا. ‏

 

‏ ئازغىنىڭ يىتەر ئەمدە باللارنى تاپشۇر ئاتا-ئانلارغا،

 ‏ئىنساپ بەرسۇن كۆڭلىڭگە يۈز كەلگىن ۋىجدانىڭغا.

 ‏نالە-زارىغا قۇلاق سىلىپ باققىن ئاتا-ئانلارنىڭ، ‏

يانساڭ خاتا قەدمىڭدىن پاك كىرسەن ئەل قوينىغا. ‏

 

 ‏جۈپ قوللار كۆتۈرلسۇن باللارنىڭ تىپىلشغا دۇۋاغا،

 ‏ئاتا-ئانلار پەرزەتتىنى تاپسۇن باسسۇن باغىرغا. ‏

ساقلىسىۇ ھالاك بۇلۇشنى ئۆز قۇلمىزدا ئۆزىمىزنىڭ،

 ‏ بۇ تۇپراق تولمىسۇن بالا دەردىدىكى كۆز ياشلارغا .

 

 ‏ ‏ ئەيسا (ئويغاق) ‏





277 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 19:04:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 3:02:19 پەرھات
ياخشى بوپتۇ .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ