جان ئانامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
(ناخشا تېكىستى)
ھەسەنجان ئۇچقۇن
................1.............
تۇغۇلدۇم دۇنياغا ئىڭەلەپ بىرچاغ،
مەن شۇچاغنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
يۈرەكىمدە قالدى ئۆچمەس داغ،
جان ئانامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
................2.............
دۇنيا دەپلا چېپىپ يۈرگەندە،
جاپاكەشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
باياشاتلىق غەمسىز كۈنلەردە،
جان ئانامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
................3.............
ئانام بەخت تىلەپ يۈرگەندە،
كېتەر دەپمۇ ئويلىماپتىمەن.
مەن توقلۇقتىن بىغەم يۈرگەندە،
ئاچ ئانامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
................4.............
تۇرمۇش يۇلىدا غۇلاپ چۈشكەندە،
دوس-يارەننى ئىزدەپ كەپتىمەن.
شەرەپ قۇچقان مۇھىم دەملەردە،
جان ئانامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
.................5..............
مېھرىگە توق! بىر قاناي دىسەم ،
بەكمۇ ئەپسۇس!يىتىم قاپتىمەن.
تاپانلىرىغا بىر! سۆيەي دىسەم،
بەكمۇ ئەپسۇس!كىچىكىپ قاپتىمەن.
................................
جان ئانامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!
غەمگۇزارنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
..................6...............
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇرنى ئىزدەڭ
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى گۇۋاڭجۇ
482 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-26 23:42:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|