بۈگۈن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا (شېئىر) - ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى

كەلمەيدۇ قايتا

ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى

قالدۇرمىغىن ئىشنى ئەتىگە،
قالماي دېسەڭ تاپا-تەنىگە.
ئەقىل -دىتنى قويغىن رەنىگە،
بۇگۇن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا،

بولمىسىمۇ مېلىڭ يا  پۇلۇڭ ،
ئۆچسىمۇ گەر كۆيمەستىن ئۇتۇڭ.
يامان يولدىن يانسۇن پۇت-قۇلۇڭ.
بۈگۈن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا .

بىرىلمىگىن قىزنىڭ قېشىغا،
مەس بولمىغىن قاراپ تېشىغا،
شۈلگەي يۈتما خەقنىڭ ئېشىغا .
بۇگۇن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا ،

كۇچا -كويدا يۈرمىگىن لەيلەپ ،
ساماۋى چۈش باغرىدا ئۈنلەپ.
چىكىۋەرمە ئۆپكەڭنى دۈتلەپ،
بۈگۈن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا .

بىكار يۈرمەي ئىشلە تەر ئاقسۇن،
تاھىر بولغىن زۆھرە لەۋ ياقسۈن.
ئاناڭ كۈلسۇن كۈنگە ئايلانسۇن ،
بۇگۇن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا .

مەۋجۇتلۇقۇڭ بۈگۈندە بىلسەڭ ،
سۈيىلىسەن سەنمۇ ھەم سۆيسەڭ .
ئارمانلىرىڭ تۇنجىقار ئۆلسەڭ،
بۇگۇن كەتسە كەلمەيدۇ قايتا .
     





58 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 18:43:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-2 7:51:55 پاتىگۇل
تۇغرا ئيتىدۇ بۇگۇن ئوتسەقايتا كەلمەيدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ