🍃ئويلان🍂
كېلىش ئۇ بۇلۇر ئىكەن ئىجازەت،
كەلدۇق يەنە كەتمەك ئىكەن ھەقىقەت،
كېلىش،كېتىش ئوڭاي سىزگە ئالامەت،
خۇلاسە- ھايات بۇ ئەمەس پەقەت…
شۇنچە نازۇك نەزەر بەرسەڭ ھاياتقا،
نە ئۈچۈن كەلدۇق بىزلەر دۇنياغا ،
جان بۇلۇپ تۇغۇلۇپ، شۇ پېتىچە پانىيغا،
بېرىش بەرھەق، ئۇۋال ئەمەسمۇ ھاياتقا…
كىم بولار تۆت كۈنلۈك ھاياتقا كېپىل،
سوقساڭمۇ ئەتراپىڭ قورغاندەك سېپىل،
ۋاقتى-سائىتى سېنى تاپار ئەزرائىل ،
سەلتەنەتىڭ قىلمىغاي سېنى غاپىل…
نەزەر سال ئىلگىرى ۋە ھازىر پەلەككە،
كەم قالغان كىم قالدى رىسقى پۈتكەنگە،
ۋە پەقەت شۈكۈرلەر،ياخشىلىق ئۈلگە،
شاپائەت كەلمەمدۇ شۇنداق ئۆتكەنگە…
ھەق يولدىن تانماققا بۇلۇپ ئاۋارە،
ئازغۇنلۇق قەدىمى ئالدى مەھشەرگە،
پاناھلىق تىلەشكە شۇنچىلىك زارە،
ئاقىۋەت چەكمەمدۇق پەرياتلىق نالە…
ئويلانماي ھاياتى ھېكمەت ئۈستىدىن،
كۆرەڭلەپ ئەقىلسىز نادان تەپتىدىن،
خار ئەيلەپ ئۆمۈرنى گۇناھ قەستىدىن،
بولارمۇ قېچىشساق جەننەت ۋەسلىدىن…
مۇستافا 🌺🌹
2016-يىل 6-ئۆكتەبىر
76 قېتىم كۆرۈلدى | mustafa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-7 21:50:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|