پاتقان قۇياش چىقىدۇ سەھەر

         پاتقان قۇياش چىقىدۇ سەھەر
 ئابدۇرازاق (شەمئى)        

چىللاپ كەلسە چۈشۇڭگە مىنى،
گۈلشەندىكى بۇلبۇل ناۋاسى،
يايلىۋالسام  باغرىڭدا بىررەت،
ئۇيغاتقۇچە تاڭنىڭ ساباسى.

جۆرە بولۇپ شېرىن چۈشۇڭگە،
يانداش كېلىپ قەلبىڭگە سىڭسەم.
بىھۇش قىلىپ دىماقلىرىمدا،
لەۋلىرىڭنى سۈمۈرۈپ  سۆيسەم.

چۈشلىرىڭدىن قىيا ئويغىنىپ،
مېنى غۇۋا قىلارسەن قىياس.
شاماللارغا سۆزلەپ رىۋايەت،
بالكونۇڭدا تۇرارسەن تىمتاس.

پاتقان قۇياش چىقىدۇ  سەھەر،
چۈشلىرىڭنى بۇزۇپ مەن سىياق.
كىم ئۇيقۇدا ، كىمنىڭ خىيالى،
يەنە كىمگە سالار مۇڭ- پىراق؟

2017.6.2

ئاپتۇر:قەشقەر ئونىۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت ئېنىستىتۇت ئۇقۇغۇچىسى

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!



     





78 قېتىم كۆرۈلدى abdurazak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-19 12:08:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ