يىللارغا خىتاب (نەسىر) - ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

 يىللارغا خىتاب
(نەسىر)
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش 


كەل يىللار، گۈزەل ئارمانلارنى يۈدۈپ كەل.
كەل يىللار،شوخ سازىڭنى چېلىپ كەل.
سەندىن بەرىكەت،ياخشىلىق ياغسا ياغسۇنكى زىيانداش مۆلدۈر ياغمىسۇن.
سەندىن تارىغان مېھىر-مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى گۈلخان بۇلۇپ يانسا يانسۇنكى ، غەزەپ ۋە نەپرەت ئوتى بۇلۇپ يانمىسۇن.
سېنىڭ ئىللىق قۇچاقلىرىڭدا قۇياشلىق ئاسماننى خۇشال  قىلىپ تالاي شىرمەت كەبى ئەركەكلەر ۋە پەرىشتىدەك گۈزەل قىزلار توغۇلدى. يەنە سېنىڭ قوينۇڭدا ئاسماننى زار -زار يىغلىتىپ ،يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ  تالاي خىزىر سۈپەت ئاتىلار،جەننەت كەبى ئانىلار پاكىز تۇپرىقىڭ ئاستىغا كۈمۈلدى.
قۇياش ھېچقاچان پارلاشتىن توختاپ قالمىدى،ئاي ۋە يۇلتۇز ھېچقاچان نازۇك قىزدەك گۈزەل لاتاپىتىنى يوقۇتۇپ قويمىدى. قامەتلىك تاغلار ئىزىدىن كۆچمىدى ، قۇملار ھارارىتىنى يۇقاتمىدى.ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز قۇرۇپ كەتمىدى.
ئەي يىللار، سېنىڭ شاپائەت قوللىرىڭ سۇنۇلغان جايدىن خۇشپۇراقلىق گۈل -چىمەنلەر ئۈنۈپ چىقتى .يىتىملارنىڭ ،غېرىب - يوقسۇللارنىڭ بېشىنى سىيلايدىغان ھاتەم سۈپەت ئۇلۇغلار يىگانە قەددىنى تىكلىدى . تىنىچلىق ،ئاسايىشلىق ،ئىناق - ئىتتىپاقلىق مىلودىيلىرى ئۈزۈلمىدى. جاھان ئەركىللىرى كېپىنەكتەك پەرۋاز قىلىشتى . ھاياتلار كۆرگەن كۈنلىرىگە ھەمدۇ - سانا ئوقۇدى ، شۈكۈر-قانائەت بىلەن ياشاپ كەلدى. باقى ئالەمدىكىلەرگە جەننەت تىلەپ دۇئا قىلىشتى.
ئەي يىللار، سېنىڭ غەزىبىڭ تاشقان جايدىن ئوت تىكەنلەر ئۈنۈپ چىقتى.يەر يېرىلدى ، كەلكۈن تاشتى ، قورغاقچىلىق ، ئاچلىق ئىنسانلارنى قىينىدى. بالا ئانىغا ،دادا قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى. كۆللەر قۇرۇپ كەتتى،ياپيىشىل ماكان كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى. ساداقەتسىزلىك قەلبىگە ئورناپ كەتكەن تالاي  ئىنسانلار ھەربىر نەپەستە ھاۋا ئەمەس كۆيدۈرگۈچى ئوت يۇتتى. يامرىغان كۆز ياشلىرى قۇرۇپ تۈگىدى.
ئەي يىللار ،مەنمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا تەنتەك  بالا ئەمەسمىدىم. غەمسىز ئىدىم،كەپسىز ئىدىم . سۇغا چۈمۈلەتتىم ،يۇلتۇز سانايتىم.شاختىن-شاخقا سەكرەپ ئۇچۇپ يۈرەتتىم . مانا بۈگۈن كۆر ھالىمنى، قولۇمدىكى ھاسامغا قارا!كۆزلىرىم خىرەلەشتى،چاچ-ساقىلىم ئۇچتەك ئاقاردى . مانا قارا! توغراقتەك مەزمۇت ئەركەك ئەمەسمىدىم ،بەللىرىم يادەك ئېگىلدى. شاش ئارغىماقتەك چاپقان مەن شۇئىدىم ھە ، مانا كۆر ئەمدى ئېغىرلاشقىنىدىن يۆتكىيەلمەيۋاتقان  قەدەملىرىمنى. چېلشىشقا چۈشۈپ تالاي ئەركەكلەرنى يىقىتقان مەن ئەمەسمىدىم، مانا قارا تىترەپ تۇرغان مادارسىز پۇت قوللىرىمنى!
يىللار ...يىللار... سەن بەزىدە شۇنداق مېھرىبانسەن ، خۇددى غەمگۈزار  ئانامنىڭ مېنى بۈشۈككە بۆلەپ ئىللىق پەپىلەشلىرىدەك. خۇددى قامەتلىك دادامنىڭ بوينىغا مىندۈرۈپ ئەركىلىتلىشلىرىدەك .خۇددى تونۇردىن يېڭى قومۇرغان ئىسسىق نانلاردەك.
سەندىن ئىللىقلىق تاپتىم. خۇشاللىققا ئېرىشتىم .مېھىر - مۇھەببەتكە چۈمۈلدۈم.ۋىسال پەرىسىنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى تۇتۇپ بەخىت قەسىرىنىڭ شاھ سۇلتانى بولدۇم.
يىللار ....يىللار... سەن بەزىدە شۇنداق رەزىلسەن.خۇددى شۇملۇقنى تىلگۈچى ھىندى قاغىنىڭ يىرگىنىشلىك قاقىلداشلىرىدەك.خۇددى غالجىر ئىتنىڭ خىرىس قىلىپ قاۋاشلىرىدەك. خۇددى  قىلچىدىن قان تېمىپ تۇرغان قانخور جاللاتنىڭ ھۆركىرەشلىرىدەك. سەن ياشلىق گۈللىرىمنى غازان قىلدىڭ. گۈزەل ئارمانلىرىمنى بەرباد قىلدىڭ. ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىللىرىمدىن مەھرۇم قىلدىڭ. كۈزۈمدىن ئاچچىق ياشلارنىڭ تۈكلىشىگە سەۋەبكار بولدۇڭ .شىردەك ھۆكىرەپ،مەيدەمنى مۇشتلاپ زارلاشلىرىمغا گۇۋاھچى بولدۇڭ.
يىللار...شۇنچىلىك سۆيۈملۈكسەن خۇددى ئون سەككىز ياشلىق قىزنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىدەك. خۇددى بۇۋاي - مۇمايلارنىڭ يېقىملىق چۆچەكلىرىدەك .
يىللار... سەن تارىخنىڭ شاھىدىسەن ، ئولۇغلارنىڭ پۈتۈكچىسىدۇرسەن. رەزىللىكنىڭ قامچىسىدۇرسەن!
ئۆتمۈشتىكى ئەستىلىك ساڭا مۆھۈر بۇلۇپ ئويۇلغان، رەڭمۇ- رەڭ قىسمەتلىرىڭگە تالاي داستانلار پۈتۈلگەن،ساناقسىز ناخشىلار ئېيتىلغان.
ئەي يىللار...شۇنچە تىز ئۆتۈپ كەتتىڭ خۇددى باللىق چېغىمدا يۈتتۈرۈپ قويغان ئىمزىگىمدەك. خۇددى چۈشۈپ قالغان قۇناق چىشلىرىمدەك.
دەۋىر چاقىڭ شۇنچە تىز ئايلاندىكى نەچچە رەت بېشىم قېيىپ يىقىلدىم. تىزگىنسىز ئاتتەك شۇنچە تىز چاپتىڭگى ئارقىڭدىن ئاياغلىرىم تىشىلگۈچە يۈگۈردۈم . سېنىڭ يىراق مەنزىللىرىڭگە يىتىپ بارغۇچە تالاي نەرسىللىرىمنى يېرىم يولدا چۈشۈرۈپ قويدۇم. قەدىردانلىرىمدىن ئايرىلدىم. ناتۇنۇشلارغا دوس - يارەن بولدۇم.
مانا ئەمدى قارا يىللار... ئارلاپ كالتە يۈتلىمەن، مازارلارنى چۈشەيمەن ، چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن. بەزىدە نەپسىم قىسلىدۇ ، يۈركۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالىدۇ. خۇنۈك كۆزلىرىم بىلەن ئارقىمغا نەزەر تاشلىدىم.كىيىنكى ئەۋلادلارغا سايە تاشلىغۇدەك بىر تۈپ كۆچەت تىكەلمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم . ئەجداتلارنىڭ تۇپراق بېشىغا يۈكۈنۈپ پات ئارىدا ئۇلار جەم بۇلدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئاخىرەتلىكىمگە ئاسايىشلىق تىلىدىم .
ئۇف...مانا قارا،ھەر بىر ئوھسىنغاندا ئىچىمدىن ئوت - ئىسسىق ھارارەت ئۆرلەيدۇ ، خۇددى جىسمىم ھېلىلا مۇزلاپ قالدىغاندەك...
يېڭى يىل ھارپىسىدا تۇرۋاتىمەن.ئەتىكى يورۇق تاڭنى ، يېڭى يىلنىڭ ئىللىق قۇياشىنى كۆرەلىسەمكەن دەپ ئارزۇ-ئارمان قىلىمەن.
مانا كۆر يىللار ،مەندە ئىلگىركى تاغلارنى تەشكۈدەك كۈچ-مادار ھازىر يوق. زېمىننى تەۋرەتكۈدەك جاسارەتمۇ ھەم  يوق .
بىر كۈنلەردە مەنمۇ كېتىمەن ، خۇددى سەن مەڭگۈ كەلمەسكە ئېلىپ كەتكەن قەۋىم-قېرىنداشلىرىمدەك . نەۋرىللىرىم ،چەۋرىللىرىم توغۇلىدۇ. خۇددى سەن تاڭ  سەھەردە تۇققان يېڭى قۇياشتەك، ئۇلارمۇ يېنىپ ئۆچىدۇ . خۇددى ئېرىپ تۈگىگەن شامدەك ...
يىللار... سەن يەنىلا بىر خىل رېتىمدا كېتىۋىرسەن .
ياخشىلارنىڭ ئىزى قالىدۇ . يامانلارنىڭ قەبرىسىگە ياۋا تىكەن  ئۈسۈپ كىتىدۇ. قۇشقاچلار تېرىپ يىگۈدەك دان چاچىدىغان ئادىمىمۇ قالمايدۇ .
يىللار...سەن توغۇرلۇق تالاي كىنايە سۆزلەرنى قىلدىميۇ، سېنى ئۇنداق ياكى  مۇنداق دېيىشكە ھەققىم يوق . شۈكۈر دەيمەن ، مانا ھازىرغىچە بۇ جان تەندە ئامانەت تۇرۇپتۇ . سەن ئۇنى مەندىن مەجبۇرى تارتىۋالمىدىڭ . ماڭا تالاي پۇرسەتلەرنى بەردىڭ .ئېسىل نىممەتلەرنى ئاتا قىلدىڭ  .سەندىن ئەقىل تاپتىم ،ھىدايەتكە ئېرىشتىم. ئىبرەت ئالدىم.بىلمىگەننى بىلدىم ،كۆرمىگەننى كۆردۈم . سەن بىلەن بىللە قاھاقلاپ كۈلدۈم . بوينۇڭغا گىرە سېلىپ ئۆكسۈپ يىغلىدىم . گاھى بۇلبۇلنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىدىم . گۈللەرنىڭ ئارسىدا سەيلە قىلدىم .سېنىڭ ئارامبەخىش ھوزۇرۇڭدا راھەت - پاراغەت سۈردۈم .ھەتتا ئېگىز ئاسمانلاردىمۇ ئۇچتۇم ... يەنە بەزىدە ئەسكى جەندە- كۇلا كىيىپ غېرىب چۆللەردە سەرسان بولدۇم،يالاڭئاياغ تىكەنلەرنى دەسسىدىم . چۇڭقۇر ھاڭلارغا دۇمىلاپ چۈشتۈم ...
ئەركەك ئىدىم ئەي يىللار ،سېنىڭ ئىسسىق -سوغوقلىرىڭدا  تاۋلاندىم .پىشىپ يىتىلدىم .ئەنە شۇنداق  ئۇزاق سەپەردىن كىيىن ھېرىپ - چارچايدىغان، بىر ئولتۇرغان جايىمدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بۇلۇپ قالدىم. يىغلاڭغۇ بۇلۇپ قالدىم ، شۇنچىلىك نازۇكمەنكى بىر تال چىۋىن يۈزۈمگە قونسىمۇ تىرىكىمەن ،ماڭا ھاقارەت قىلۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. خۇددى ئۇۋالچىلىقتا قالغان كىچىك بالىدەك ئىچ-ئىچىمدىن يىغا تۇتىدۇ . لېكىن ھەممىگە شۈكۈر دەيمەن ، سەبىر قىلىمەن. بۆگۈن كېچە قىينالماي ئۇخلىيالىسام ئىدىم ،ئەتە ئويغىنالماي شۇ پېتى ئۇخلاپ قېلىشقىمۇ رازى بولغان بۇلاتتىم .
مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىمەن ، بىر كۈنلەردە سەنمۇ يېقىنلىرىمدەك مېنى تاشلاپ كېتىسەن .كۆكتىن ھايات يۇلتۇزۇم ساقىپ چۈشكەندە ماڭا ئەلۋىدا دەيسەن .
ئاڭلا!...شۇ چاغدا ساڭا دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى ھازىر دەۋالاي . ئەي يىللار ، خۇش قالغىن ...قاراڭغۇدا قالغانلارغا چىراغ بول . ئاجىزلارغا يۈلەك بول ، مىسكىنلەرگە ھەمراھ بول .ئازغانلارغا ماياك بول .كاۋانلار دۇچ كەلگەن دەرياغا كۆرۈك بول ...ھايات قەۋىمگە چەكسىز ھىدايەت ئاتا قىلغىن ،شەپقەت قىل !
خەيىرخوش ، مەن ئارامخۇدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرىق بۇلاي ... ئەلۋىدا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇزۇن يىللار ،مەرھابا يىتىپ كەلگەن يېڭى يىل ...

2016-يىل 30-دېكابىر
(مارالبېشى)
     





370 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-31 13:52:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-9 0:38:25 guzalnur
bak yahxi maz mun kan.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ