ھايات مىزانى (شېئىر) - خالمۇرات غەيرەت

ھايات مىزانى (شېئىر) 

خالمۇرات غەيرەت


 گۈلدەك ياشا گۈلدەك چېغىڭدا،
ئۈمىدلىك بول ئارمانلىرىڭدا.
زەڭگەر ئاسمان ھەردەم ئارقىڭدا،
ئەگمە مەڭگۈ مەغرۇر قەددىڭنى.

لازىم ئەمەس ئارتۇقچە ئويلار،
نۇرغا تولسا ھاياتتا يوللار.
ئۇزۇن ئەمەس ئۆمرۈم دەپ ئويلا،
رۇسلا مەڭگۈ مەغرۇر قەددىڭنى.

ئۈزۈلمىسۇن ھايات ئۈمىدى،
مۈشكۈل بولار ھەركىم تەقدىرى.
ئۈلگە بولسۇن ئۇلۇغلار ئىزى،
دەس تۇت مەڭگۈ مەغرۇر قەددىڭنى.
     





446 قېتىم كۆرۈلدى خالمۇرات غەيرەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-8 3:20:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-15 3:48:47 مىھىرىبان
بارىكاللا تىغىمۇ كۆپ يىزىڭ
2017-1-14 18:24:47 ئابلىكىم
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشقىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ