چۈش
مەخمۇت يۇنۇس
ئۇزۇن كېچە ئۇيقۇدىن بىدار ،
تاڭ ئاتاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن .
قۇياش ھەمرا بولۇپ چۈشۈمدە ،
تۇلپىرىم دەپ مىنىپ ساپتىمەن.
قۇياش بىلەن ئۆرلىدىم بىرچاغ،
سەھەر پەيتى سۆيۈپ سابانى.
گۈل بەرگىدە يالتىراپ شەبنەم،
كۆردۈم يەنە قىزغۇچ دالانى.
چىقتىم ئۆرلەپ پاقىراپ شۇنداق ،
ۋۇجۇدۇمدا ئىللىق بىر سېزىم .
سەھەر ۋاقتى ھەممە ئالدىراش ،
مەنلا غەمسىز كۆكتە پارلىدىم.
چىڭقى چۈشتە قىزىدى جاھان ،
قاچتى ھەممە ئۆيگە سايىگە.
باغرىم كاۋاپ كۈيىمەن يالغۇز ،
ھىچ كارى يوق مەن بىچارىگە .
يېقىنلاشتىم ئۇپۇققا بىر چاغ،
مۇزلىماقتا بەدىنىم ئاستا .
ھالسىز جىسمىم شۇنچىلا ئېغىر،
قارالمىدىم پەسكىمۇ قايتا .
قاراڭغۇلۇق يۇتارمۇ مىنى،
تۈن قوينىغا تېڭىپ مۇستەھكەم .
قۇياش نۇرۇم ئۆچەرمۇ ئەمدى،
خىرە بولۇپ شۇ گۈزەل ئەتەم.
چاچراپ قوپۇپ كۆزۈمنى ئاچسام ،
چۈشۈم ئىكەن ئەسلىدە قايتا .
شۇنچە تېزمۇ ئۆمۈر مەنزىلىم،
ئۆچەرمەنمۇ مەزگىلسىز ئاستا .
| 89 قېتىم كۆرۈلدى | otyrek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-4 1:22:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|