ناتونۇش تونۇش مەن (نەسىر) - مۇكەررەم ئ‍ەخمەت

ناتونۇش تونۇش مەن (نەسىر) 

 مۇكەررەم ئ‍ەخمەت


  نىمىشقىدۇر بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم  .قىززىق ، بالىلىقىم !سىنى نىمىگە ئەسلىدىم بۈگۈن ؟نىمىشقا ؟ گۆدەكلىكىمگە قايتقۇم كەلدى  تۇيۇقسىز .تۇيغۇلىرىم ئىچىدىن تاپتىم بىر گۆدەك سەبىي ناتىۋان نازۇكنى .يۇمران ئارزۇلاردىن ،ھەر سەھەردىكى يارقىن قۇياشتىن ،مەيىن باھاردىكى سەلكىن باھار شامىلىدىن .
بەخىت ئۇ نىمە ؟ مەنچۇ ؟ مەن كىم مەن ؟ ئالدىمدا پايانسىز يول دەپ ھىس قىلىمەن ،مىڭىش كىرەك  دەيمەنۇ يەنە  ئارقىمغا گۆدەكلىكىمگە تىۋىنغۇم كەمەن ، غەمسىز ئەللەيلەنگۈم كەلدى ئاپام قوينىدا ......
كىتىۋاتىمەن.....مىڭ سوئالدىن بىرنى قويدۇم ئۆزەمگە مەن كىم بەخىتلىكمۇ مەن ؟...... كىتىۋاتىمەن  ....قولۇمنى قويىۋەتمە ئۈمىد ،يۈرەك قەپىزىمدىن چىقىپ كەتمە ئارزۇ  ،ساقلاپ تۇرغىن ماڭا بىدار بولغان ئارمانلار ....
ھايات داۋام ئىتىۋاتىدۇ، مەن تىخى ئەمدىلا قانات قىقىشنى ئۆگەنگەن ئاجىز قۇشمەن .ماڭا قولۇڭنى بەر ھايات ،كەڭرى ئاسمان  ،ئەركىن پەرۋازىم ئۈچۈن ،ماڭا ئىشەنچ بەر ھايات ،بەھۇزۇر قانات قىقىشىم ئۈچۈن  .
ناتونۇش –تونۇش بەختىمگە بىگانە بولغانلاردىن پەخەس تۇتقىن ھايات ،قاناتلىرىمنىڭ بوغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن  .
ھىلىھەم بالىمەن .ئاتا-ئانام باغرىدىكى غەمسىز بالىمەن. ئەلەم ، جەبىر ھىلھەم ماڭا بالدۇر ،كۆڭۈل ئاسىمنىم كەڭرى بولغانلىقى ئۈچۈن .
ھىلىھەم بەخىتلىكمەن ،ئاتا –ئانام ،قىرىنداش-يارەنلرىم بىلەن .مىنى سۆيگەن مەن سۆيگەن ئەزىز قەدىردانلىرىم ئۈچۈن .
ھىلىھەم مىننەتدارمەن ،ھەممىدىن ۋە ھەممىگە ،شۈكۈرلۈك بىلەن ناشۈكۈرلۈك جازاسىغا قالماسلىق ئۈچۈن ،
ھىلىھەم شۈكۈر ئىيتتىممەن  ، بارىغا ھەم بارچىگە ،ئەزىزلىرىم مىھرىگە تويۇنۇپ ،شۈكرانە تەنلىرىم بىلەن راھەت نەپەس ئىلىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن .
مىڭ سوئالدىن بىرنى قويدۇم ئۆزەمگە مەن كىم بەخىتلىكمۇ مەن ؟ مەن ساڭا تونۇشمەن ھايات ،سەن كىم دەپ سوئال قويما ئارزۇلىرىمنى قۇچاقلاپ بىدار ئارمانلىرىم ئارقىدىن قول سوزۇپ قۇياش بىلەن بەسلىشىپ يۈگرەۋاتقان نازۇكمەن ،ساڭا تونۇش ھەم ناتۇش مەن..
     





104 قېتىم كۆرۈلدى مۇكەررەم ئ‍ەخمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-11 18:09:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ