مۇھەببەت سەۋداسى
ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى
مۇھەببەتنىڭ شەھەرىدە بولدۇم دىۋانى دىۋانى،
شەھەردىكى مەلىكىگە بولدۇم پەرۋانى پەرۋانى.
يەتمەك بۇلۇپ ۋىسالىگە بولدۇم سەرسانى سەرسانى،
ئەي دوسلارىم بۇ يۈرەككە بولغىن غەمخانى غەمخانى.
ھەر دەقىقە ۋىسالىگە بولدۇم تەشنايى تەشنايى،
يىتەلمەسمەن نەچارىكى چەكتىم پەيمانى پەيمانى.
قۇلۇقۇم گاس بېشىم گاراڭ بولدۇم سەۋدايى سەۋدايى،
بۇ يۈرەكلەر ئەلەملەرنىڭ بولدى سەينايى سەينايى.
ئىزتىراپتا بولدۇم كەبى ئەشۇ نەۋايى نەۋايى،
ئېيت يارەنلەر بۇ دەرتلەگە قىلاي نەدارى نەدارى؟
شىرىن چۈشلەر باغلەرىدە قىلدىم سەيلايى سەيلايى،
باغلەرىمدە مەلىكەمنىڭ بولدۇم دۇنيايى دۇنيايى.
ئۇ مەلىكە مەنمۇ ھەم بولدۇم شاھزادى شاھزادى.
خىزمەتىگە كى جاھانغا قىلدىم پەرمانى پەرمانى،
شۇ بەختىگە كى جاھاننى قىلدىم سەرمايى سەرمايى،
كەتمەس ئىكەن خام خىيالگە ھىچ دەسمايى دەسمايى.
ئەزىز باشلەر خام خىياللەر بولدى ئەسرارى ئەسرارى.
كىچەلەرى كۆز ئۇيقىدىن بولدى بىدارى بىدارى.
بىئىشتىھا شىرىن جانلەر بولدى ئەۋارى ئەۋارى.
ھالىم خاراب مەلىكەمنىڭ بولۇر نە كارى نە كارى؟
گەر كاشىكى مەلىكەمنىڭ بولسام بىر يارى بىر يارى،
ئىككى دۇنيا بولۇپ يولداش بولسام بىر تالى بىر تالى،
قالماس ئىدى يۈرەكىمنىڭ ھىچ بىر ئارمانى ئارمانى.
قەلەم
143 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر مۇھەممەد | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-30 1:50:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|