نىمىشقا قىينايسە ئېيتقىنە مىنى
ئابلىكىم تۇرسۇن مۇڭزار قەلىب
قەلبىمنى باسسىمۇ ھىجران ئازابى ،
ئىسمىڭنى توۋلايدۇ يۈرەك نىداسى .
بىلمىدىڭ سۆيگۈمنىڭ تۈگىمەس كانى ،
نىمىشقا قىينايسە ئىيتقىنە مىنى .
ئازابلار تەكتىدە سىرلىرىڭ بادۇر ،
ھەر نەپەستە سىنىڭ ھىدلىرىڭ بادۇر .
خىياللار ئۇچسا گەر سۈرىتىڭ بادۇر ،
نىمىشقا قىينايسە ئېيتقىنە مىنى .
مۇھاببەت قۇربانلىق ئىشەنچتە دەيتى ،
بىلمىدىم بۇ شەرتلەر ئۇچۇپلا كەتتى .
كەلگۈسى ئارماننى كۆپۈكلا ئەتتى ،
نىمىشقا قىينايسە ئىيتقىنە مىنى .
بۇ يۈرۈك سەن ئۈچۈن يىغلىسا زار-زار ،
قەدرىڭدە بولساممۇ ھەر كۈنى خار-خار .
كەلمىدى ھېچ كىشىدىن تەسەللىي يار ،
نىمىشقا قىينايسە ئىيتقىنا مىنى .
مۇھاببەت بولسىلا ئەگەر مۇشۇنداق ،
قىز-ئوغۇل قالمامدۇ ئىيتقىنە بويتاق .
ئۇۋالىڭ بولدىمۇ ماڭىلا قانداق ،
نىمىشقا قىينايسە ئىيتقىنە مىنى .
2017-2-19 . خوتەن .
ئۈندىدار ، كىيكىيۇ ؛1875077278
ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىكىم تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-27 7:14:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|