دېھقان ئاتا
نۇرئەلى مۇقىمي
تەرىڭىدۇر شۇ شارقىراپ ئاققان دەريا ،
قېنىڭدىن ئۈندى ھەر بىر تال گۈل گىياھ ،
تەبىئەتكە جان بەردىڭ سەن ئەۋلىيا ،
زېمىنغا باغرىن ياققان دېھقان ئاتا .
ئەجرىڭدە باھار بىلەن چېچەك ئاچار،
ھەرچېچەكتىن ئەنبەرنىڭ ھىدى چاچار،
ساختىلىق مەككارلىق سەندىن قاچار،
ئۇلۇغلۇق يولى ئاچقان دېھقان ئاتا .
مېھنەتنىڭ گۈللىرىدۇر قورۇقلىرىڭ،
سەلتەنەت تۇلپارىدۇر تورۇقلىرىڭ ،
كەچمىشنىڭ ئىزنالىرى چورۇقلىرىڭ ،
مەڭگۈلۈك گۈلخان ياققان دېھقان ئاتا .
ئۆيۈڭ ئاددىي ھەيۋەتلىك قەسىرئەمەس،
تائاملىرىڭ لەززەتلىك گەپ يېتەربەس،
سېنىڭسىزھەم توقلىقتىن سۆزئېچش تەس،
مېھنەتتە ئەلگە باققان دېھقان ئاتا .
ۋۇجۇدۇڭدىن چىن خىسلەت بىزگە ئايان،
سېنىڭسىز بىر بۇردا نان كېلەر قايان ؟
تۈگىمەس داستان بىلەن نە بىر بايان ،
ئەمگەكتىن ھۆرمەت تاپقان دېھقان ئاتا .
ياشنايدۇ گۈزەل ۋەتەن ئاققان تەردە ،
ۋەتەننىڭ ئۈمىدى ھەم يىگىت ، ئەردە ،
تارىختا تالاي بۇنداق مىسال بەلگە ،
دىلىغا ئالەم پاتقان دېھقان ئاتا .
2017-يىلى 18-ھۇت
450 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەلى مۇقىمي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-19 3:42:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-20 2:05:39 | 最美教师 |
قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!🌹🌹🌹🌹🌹 |
2017-2-20 1:49:32 | مۇختەر |
دىھقان ئاتا ناملىق بۇ شىئىر بەك ياخشى يېزلىپتۇ،چوڭقۇر مەنىلىك بوپتۇ،يارايسىز نۇرئېلى مۇقۇمى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|