تۆتكۈن بولسىمۇ - ھەسەنجان ئابلىمىت

 تۆت  كۈن  بولسىمۇ

ھەسەنجان ئابلىمىت


پۇلغا ساتما ۋىجداننى  گەرچە جىنىڭ كەتسىمۇ،
مال-دۇنيايىڭ ئەسقاتماس جېنىڭ تۆمۈر بولسىمۇ،
نىمە بولساڭ بولغىن ھەق ئۈچۈن،
ۋىجدان بىلەن باش كۆتۈر تۆتكۈن بولسىمۇ،

كەتسە كەلمەس دۇنيا بۇ ئارمان بىلەن ياش تۆكمە،
ھەقىقەتنى تونىغىن داداڭ سۇلتان بولسىمۇ،
تۇز ئ‍ىماننى تېتىغانسەن مۇسۇلمان ئوغلى،
ئىمان بىلەن دۇئا قىل تۆتكۈن بولسىمۇ،

كەتكەنلەرگە قاراپ قالدۇق ئاھۇ زار بىلەن،
ئويلاپ قويغىن شۇ ئۆلۈم بىزلەرگىمۇ كەلمەسمۇ،
ئەسقاتمايدۇ نوچىلىق سەن بىر خاقان بولساڭمۇ،
ئاخىرەتنى ئويلاپ قوي پەقەت تۆتكۈن بولسىمۇ،

ئويلىمىدىڭ ئۆلۈمنى ئۇنىتتىڭمۇ تاۋۇتنى،
قانلىق يىغا ئۇزاتقان بىرى قايتىپ كەلگەنمۇ
بىلسەڭ ھايات چاغلىقتۇر تۆت كۈنلۈك دۇنيا بۇ،
جانىڭ ئۈچۈن سەجدىگە چۈشىۋالغىن تۆتكۈن بولسىمۇ،





60 قېتىم كۆرۈلدى ھەسەنجان ئابلىمىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-16 12:34:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ