قىز بولساڭ (شېئىر)
رەجەپ يۈسۈپ
شەرمى- ھايا ئەخلاقنى، مۇجەسسەم قىل قىز بولساڭ،
ئاتا -ئانا ئاكاڭنى، خاتىرجەم قىل قىز بولساڭ .
خار قىلمايدۇ ھىچ كىشى، ئەگرى ئەمەس تۈز بولساڭ ،
خەلقى ئالەم ئالدىدا، قىزدەك يۈرگىن قىز بولساڭ .
مال -دۇنياغا ئالدانماي، ۋاپانى سۆي قىز بولساڭ ،
ھەشەمەتكە خارلانماي، جاپانى سۆي قىز بولساڭ .
ئۇيغۇر ئوغلى ئالدىدا، گۈزەل ئەمەس ئۇز بولساڭ ،
ئۆلچەم قىلىپ ئەخلاقنى، ساپانى سۆي قىز بولساڭ .
غەيۋەتلەرگە ئىشەنمەي، ھەقنى بىلگىن قىز بولساڭ ،
يامانلارنى چۈشەنمەي، توغرا يۈرگىن قىز بولساڭ .
دوسىت -بۇرادەر ئالدىدا، سەنمۇ بىركۈن ئۆي قۇرساڭ ،
تاماشىغا يۈگۈرمەي، كىتاپ كۆرگىن قىز بولساڭ .
بەخىت ئىزدەپ يۈرمىگىن، قانائەتلىك قىز بولساڭ ،
تەخىت ئىزدەپ يۈرمىگىن، دىيانەتلىك قىز بولساڭ .
بەخىت دىمەك خاتىرجەم، ئەسكى ئۆيدە ئولتۇرساڭ ،
جۈپتىڭنى سۆي يارىغا، قىيامەتلىك قىز بولساڭ .
ئەركەك دىگەن ئاز ئەمەس، قولى چاققان قىز بولساڭ ،
باقالايدۇ زار قىلماي، بالا باققان قىز بولساڭ .
ئۈنسە يانتاق ھويلىدىن، ئىككىلەنمەي سۇندۇرساڭ،
سۈيەلەيدۇ خار قىلماي، ئۆينى تاپقان قىز بولساڭ .
2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
نامسىز تارقاتماڭ !
| 50 قېتىم كۆرۈلدى | babur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-29 23:41:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|