ئۇستازىم ئانام - نەسىر - مەريەم كەنجى ھىدايى

ئۇستازىم ئانام 

  (نەسىر)  

  مەريەم كەنجى ھىدايى


  ئانا  ، بىلەمسىز ؟سىز مېنىڭ ھايات مۇساپەمدىكى بىردىنبىر  ئۇستازىم ،شۇنداقلا ئۈلگەم .مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن .                 

سىز مېنىڭ پەخىرىم،قەلبىم تۆرىدىكى ھۆرمەت تەختىمنىڭ سۇلتانى. قاراڭغۇ تۈنلىرىمنى يۇرۇتقان نۇرلۇق چىراق      . ھايات  مۇساپەمدىكى    ئۇڭۇشسىزلىقلىرىمنى يېڭىشىمنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى، روھىيىتىمنىڭ مەنىۋى ئۇزۇقى . 

ئانا،بىلەمسىز ؟ مەن كىچىكىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە باسقان قەدىمىم .ياشاش نىشانىم ھەم تۇتقان يولۇمدا  سىزنىڭ تەربىيىڭىز ھەر ۋاقىت مىنى ئالغا يىتەكلەيدۇ ، ھايات مۇساپەمدە مەن سىزنى  ئۈلگە قىلىپ ياشاپ كەلدىم .  3-4 ياش ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ سەي ئادالاشنى  ،ئۆي سۈپۈرۈشنى   گۈل  كەشتىلەشنى ،قونچاق ئويناشنى ، رەسىم سىزىشنى خەت يېزىشنى ،ئوقۇشنى  چۆچەك ئېيتىشنى...تالاي ئۇيۇنلارنى مەن سىزدىن ئۆگەندىم  مەن  سىز بىلەن تەڭ ئويناپ شۇنداق شاتلىنىپ كىتەتتىم

ئانا!

   مەكتەپ يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە كىردىم،سىز مەسئول بۇلۇپ تۇتقان سىنىپتا ئوقۇدۇم .   گەرچە بۇيۇم پاكار ھەم ۋىجىك بولسىمۇ قىش ئاخىرلاشقۇچە سىنىپنىڭ كەينىدە ئولتۇراتتىم .ئاپام نىمىشقا سىنىپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغۇزۇپ قۇيدىغاندۇ؟ باشقا ساۋاقداشلىرىم ئوينىسا گەپ قىلماي ماڭا ئاچچىقلىنىدىغاندۇ؟ مەن ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇكاپات بۇيۇملىرىنىڭ يېرىمىنى نىمىشقا  مىنى ئالغىلى قويماي ،باشقىلارغا بىرىۋىتىدىغاندۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلۇغۇنۇمدا ،يۇرۇكۇم ئېچىشىپ ،كۈزۈمگە لىققىدە ياشلار تۇلۇپ كەتسىمۇ مەن سىزدىن نىمىشقا ؟؟ دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلاممايتىم .كۆڭلۈم يېرىم بۇلاتتىيۇ تېزلا ئۇنتۇلۇپ كىتەتتىم .

مەن سىزدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتىم ،سىز سۆزلىگەن  ھەر- بىر سائەتلىك دەرسلەردىن يۇمۇرىستىك سۆزلىرىڭىزدىن ئاجايىپ سۈيۈنۈپ كېتەتتىم ،ئۆزۈمنى  ئەڭ گۈزەل بىر دۇنيادا سەيلە قىلىپ   يۈرگەندەك  ھېس قىلاتتىم .

       ئانا! بىلەمسىز؟مەن ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىلا چوڭ بولسام چۇقۇم  ئوقۇتقۇچى بۇلىمەن ،ئانامدەك ئوقۇتقۇچى بولۇمەن،دېگەن ئارزۇنى  كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم .                                          

مەن تەتىل قىلغان ئارام كۈنلىرىمدىمۇ  كىچىك بالىلارنى،ساۋاقداشلىرىمنى   يىغىپ دەرس ئۈتۈپ ئوينايتتىم .                        

مەن بارا –بارا چوڭ بولدۇم ،سىز ماڭا دەرس مۇنبىردە مەنىۋى ئۇزۇق بېرىشتىلا ئۈلگە بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ئەدەب-ئەخلاق،يۈرۈش-تۇرۇش،سۆز –ھەركەتلەردىمۇ ئۈلگە ئىدىڭىز ،ماڭا يەنە  ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئەدەپ-ئەخلاق ،يۈرۈش –تۇرۇش  كىتاب ئۇقۇش ،ئۆزلۈكسىز تىرىشىش .... .   جەھەتلەردىمۇ        بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتىڭىز

  سىز مېنى گۈزەل بىر دۇنياغا باشلىدىڭىز . سىز ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى   ئاجايىپ ياخشى كۆرەتتىڭىز ئانا !

تەتىل كۈنلىرىمۇ ،ھەيي، باللا قاچان كىلە ھەجەپ سېغىندىم شۇ بالىلارنى  دىگەنلىرىڭىزنى تالاي قېتىم ئاڭلىغانمەن ئانا!

تۇيۇقسىز ئاغىرىپ قالغان ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ دورا ئىچكۈزگىنىڭىزنى جاراھەتلىرىگە دورا سۇرتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ  كىلىۋاتقانلىكىڭىزنىنىمۇ ھەتتا ئەتىگىنى مەكتەپكە كەلگىلى ئككى سائەت بولماي تۇرۇپلا، ئاپامنى كۆرگۈم كىلىپ كەتتى دەپ يىغلىغانلارنى باغرىڭىزغا بېسىپ تەسەللىي بەرگەنلىرىڭىزنىمۇ،سومكىڭىزغا ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەرنى سېلىۋېلىپ تارقىتىپ بەرگەنلىرىڭىزنى  تالاي قېتىم كۆرگەنمەن ئانا!  سىز ئائىلىدىلا كۆيۇمچان ،   تەلەپچان ئانا بۇلۇپ قالماستىن مەكتەپتىمۇ جان دىلىڭىز بىلەن ئىشلەيتىڭىز .ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ ھاياتىڭىز ئىدى .

ھەر مەۋسۈم بېشىدىكى   ،ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا،ئوقۇتۇش نەتىنجىڭىز يۇقۇرى بولغاچ ئوتتۇرغا چىقىپ مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ئېلىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا ،ئئاتا-ئانىلارنىڭ سىزگە ئېيتقان ئاپىرىنلىرىنى،مىننەتدارلىقىنى  ئاڭلىغىنىمدا  سىزدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتىم ئانا !                       

ئانا،سىزنىڭ ھەر- بىر مۇۋاپىقىيىتىڭىز مەن ئۈچۈن ھەقىيقى ئادىمىيلىك     دەرسى ئىدى .                              

ئىرادەمنى تاۋلايدىغان ،مۇشاقەت داۋانلىرىدىن ھالقىشىمغا ئۈندەيدىغان     روھىي كۈچ ئىدى .                    

سىز مېنىڭ ئاجىز تېنىمغا كۈچ ئاتا قىلدىڭىز ،روھىمغا غايە،گۈزەللىك ،ئەقىدە،مېھىر-مۇھاببەت نۇرىنى چاچتىڭىز .                                    

قانداق ئادەم بۇلۇش يولىنى ئۆگەتتىڭىز.                

ئانا،مەن ئەجىر –مېھنىتىڭىزگە قانداقمۇ  جاۋاپ قايتۇرۇپ بۇلاي ئانا!؟

ئاخىر ئىزىڭىزنى بېسىپ،ئوقۇتقۇچى بولدۇم.ھەر- بىر قېتىم دەرس مۇنبىرىگە چىققىنىمدا ،مۆلدۈرلەپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە قارىغىنىمدا، بارلىقىمنى ئاشۇ سەبىيلەرگە ئاتا قىلغۇم ،قاراڭغۇ دىللارنى چولپان كەبى يورۇتقۇم كېلىدۇ.   سىزدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى قەلبىمدە زاھىر بۇلۇدۇ –دە،سەبىيلەرنىڭ بىلىم تەشنالىقىدا چاڭقىغان قەلبىگە ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي جەۋھەرلىرىنى سىڭدۇرۇشكە تىرىشچانلىق كۆرسۇتىمەن .                        

ئاناا، سىز ماڭا تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىمۇ   ئۈنسىز ئۈلگە!.   

بىلىسىز،ھايات مۇساپەمدە بىردىنلا ئۆزگۈرۈش بولدى .كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى... سىزنىڭ ماڭا كىچىكىمدىن باشلاپ سىڭدۈرگەن غەيرەتلىك  بۇلۇش،قەيسەر بۇلۇش ،رىئاللىققا يۈزلىنىش،ھاياتقا كۈلۈپ قاراش ... قاتارلىق   ئادىمىيلىك تەربىيىڭىزنىڭ نەتىنجىسىدە مەن تېزلا ئەسلىمگە كەلدىم .       ئانا ،سىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرىڭىز بەك زور  پەرزەنت تەربىيلەش، ئادەم تەربىيلەشتىمۇ ،سىز ماڭا ياخشى ئۈلگە.        

سىزنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجىرىڭىز نەتىنجىسىدە قىزىمنىمۇ ياخشى تەربىيەلىدىم .  قىزىمنىڭ ھەر-بىر ئۇتۇقلىرىنى كۆرگۈنۈمدە،ئاڭلىغىنىمدا سىزنىڭ ماڭا،بىزگە سىڭدۈرگەن مېھنەتسىز ئەجىرىڭىزگە مىڭ-مەرتىۋە رەخمەتلەرنى ئېيتىمەن ئانا !  

                               

ئانا ،سىز ھەقىيقەتەن تىرىشچان ھەم قەيسەر ؟ !                          

دەم ئېلىشقا چىقىپ تۇرۇپمۇ، ئارام ئالاي دەپ قارىماستىن كومپىيوتىردا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگەندىڭىز ،بالام مەكتەپتىن كىلىپ ئالدىراپ قالمىسۇن ،ئىقا كىچىكىپ قالمىسۇن دەپ يەنە تاماقلارنى ئىتىپ ساقلاپ ئولتۇرسىز ،ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان نەۋرىڭىزگىمۇ تاكى ھازىرغىچە ،يىگۈزۈپ قۇياي ،ئاز يەپ قالمىسۇن ،ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قالمىسۇن...دەپ تامىقىنى يىگۈزىسىز

مەن سىزدەك ئانام بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ،چەكسىز  پەخىرلىنىمەن .  

تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى سىزنىڭ قېنىڭىز، روھىيىتىمدە ئادىمىيلىك تەربىيەڭىز، ئىلھامىڭىز                                                                

سىز مېنىڭ يۇقۇرغا ئۆرلىشىمدىكى مەڭگۈلۈك سۇلماس شوتام.      سىزدىن ئىلھام ئالىمەن، سىز ماڭغان يولدىن يول تاپىمەن  ئانا !    

يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىدا ھاياتلىق مۇساپىمىزنى ئۇلىسام دەيمەن .ئانا ،ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئىزىڭىزنى باسىمەن ،مېنىڭ  ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم سىزدەك ئادەم بۇلۇش .ئائىلىدىلا ياخشى ئانا بولماستىن ،ئەۋلات تەربىيەسىدىمۇ ياراملىق ئۇستاز بۇلۇش !  مەن ئەمدى چۈشەندىم نىمىشقا        سىنىپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئولتۇردىغىنىمنى .مەن ئۆيدىن چىقىپلا سىنىپقا كىرگەچكە ،باشقا ساۋاقداشلىرىم نەچچە كىلومېتىر يول بېسىپ كەلگەچكە ،ئۇلارنى كەلگىچە توڭلاپ كەتتى دەپ مەشكە يېقىن جايغا ،ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپسىز ئاپا ! باشقىلارمۇ مەنپىئەتلەنسۇن ،مىھرىمىزدىن سۈيۈنسۇن دەپ      مۇكاپات بۇيۇملىرىمنى باشقا ساۋاقداشلىرىمغا بىرىۋېتىپسىز ئانا !   ئانا سىز مېنىڭ ئۇستازىم ئانا!                                           

مەن نىمە دىگەن بەخىتلىك ،سىز پەقەت ئائىلىدىكى ئۈلگەم ھەم ئۇستازىم بۇلۇپلا قالماستىن ،مەكتەپتىمۇ ،كىشلىك تۇرمۇش قارىشىمدىمۇ مۇنەۋۋەر ئۇستازىم .

مەن كۈتكەن ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلايمەن ،سىزدىن پەخىرلىنىمەن ئۇستازىم    ئانا !

ئاپتۇر :باي ناھىيەلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتە   13999664139

     





282 قېتىم كۆرۈلدى مەريەم كەنجى ھىدايى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-12 18:06:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ