سۆيمىسەڭ
تۇنساگۇل ئىسمائىل (قەشقىرى)
ساختا سۆزلەپ كۆيدۈرمىگىن سۆيمىسەڭ،
دەتكە تاشلاپ ئۆلتۈرمىگىن سۆيمىسەڭ.
بىھۇدە ياش تۆككۈزمىگىن سۆيمىسەڭ،
يالغانلاردىن كۈلدۈرمىگىن سۆيمىسەڭ،
سۆيمەي تۇرۇپ سۆيدۈرمىگىن سۆيمىسەڭ.
سۆيەلمىسەڭ سۈركەلمىگىن ئالدىراپ،
بۇدۇشقاقتەك كۆرگەن يەردە يول توساپ.
بىكاردىنلا چەكتۈرمىگىن ئىزتىراپ،
يۈرەكلەرمۇ كەتمىسكەن ھالسىراپ،
ئۆزگىلەرنى خارلىمىغىن سۆيمىسەڭ.
سۆيمەي تۇرۇپ سۆيدۈم دىگەن نامەرتتۇر،
كۆڭلى يوققا كۆڭۈل بەرگەن ئاپەتتۇر.
ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يۈرگەن ياماندۇر،
كۈلەلمەستىن زورلاپ كۈلگەن خاتادۇر،
ئۆزۈڭنىمۇ ئالدىمىغىن سۆيمىسەڭ.
ئۆز يارىڭغا خىيانەتتە يۈرگەندىن،
باشقا يارغا كۆزۈڭ قىسىپ كۈلگەندىن.
كۆڭۈل بەرمەي يالغانلاردىن سۆيگەندىن،
بۇنداق قىلىش بەكمۇ يامان ئۆلگەندىن،
ئايرىلىپ كەت يىغلاتمىغىن سۆيمىسەڭ.
بىلىۋالغىن شۇنداق ئۆتنە جاھانكەن،
بۈگۈن قىلساڭ ئەتە ساڭا ياناركەن.
ئۇۋال قىلسا ئۇۋالىغا قالاركەن،
سورىقىنى ھامان بىر كۈن ئالاركەن،
ئىزدىمىگىن قاقشاتمىغىن سۆيمسەڭ.
-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
-2017-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى(يەكشەنبە)
108 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-2 23:00:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|