مۇقۇملۇق
مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش
====================
يۈلەك بىزگە گۇيا تاغدەك مۇقۇملۇق،
مېھرى ئاتەش،قوينى باغدەك مۇقۇملۇق.
سەن بولغاچقا ئەندىشىدىن خەۋەر يوق،
ياقار ئەلگە خۇددى ياغدەك مۇقۇملۇق.
پۈتۈن ئاۋام مۇقۇملۇقنى قوغدايدۇ،
ئەلگە دۈشمەن زۇراۋاننى قوغلايدۇ.
بىزدىن يىراق كەتمە زىنھار مۇقۇملۇق،
سەن بولمىساڭ بىزگە شاتلىق بولمايدۇ.
قېرىنداشلار خۇشال-خۇرام ياشايلى،
قانۇننى بىز تۇمار قىلىپ ئاسايلى.
ئىناق تۇرمۇش كاپالىتى مۇقۇملۇق،
مېھرى بىلەن ئەلگە قۇچاق ئاچايلى.
ئاھ بالام دەپ ياش تۆكمىسۇن ئانىلار،
ۋاي ئانام دەپ دەرت يۈتمىسۇن بالىلار.
سەن بولغاچقا ئەل ئاماندۇر مۇقۇملۇق،
بىزدىن يىراق تۇرسۇن كۆڭلى قارىلار.
----------------------
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى: otkax0991
78 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-26 7:15:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|