سوغۇق شەھەر
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
قانداق يورۇدۇڭ كۈيتۈن نىڭ تېڭى ،
كۆز قارچۇقۇمدا قۇياشسز سەھەر .
تۇمان ئىچىدە چىرايلار خۈنۈك ،
ئاھ شۇنچە سوغۇق مىھىرسىز شەھەر .
تىترەيدۇ دىر-دىر پۇت قول ئەمەس دىل ،
رەھىمسز سوغۇق سانجىيدۇ نەشتەر .
مۇزلىغان دىللار ئېزلىسە گۈلخان ،
شۇئان پارلايدۇ كۆڭۈلدە قەشقەر .
ھېيتگاھ جىلمىيىپ باقار يۈرەككە ،
تۈمەن دەرياسى تومۇرغا ئاقار .
ھىدلىغۇم كەلدى قەشقىرىم سىنى ،
ئاھ غالجىر سوغۇق يۈرەكنى چاقار .
سىغىندىم سىنى جانىجان قەشقەر ،
كۆز ئالدىمدا چەكسز زىمىستان .
باھار ئىزلەيمەن باھارىم سەندە ،
سەن نۇرلۇق شەھەر ئۆلمەس گۈلىستان …
بارىمەن يىنىڭغا دوست ئاداشلىرىم ،
پۈركىنۇر ئەجىردە گۈلگە ئەتىمىز .
مۈشكۈلات قىينايدۇ يەڭمەي نە ئىلاج ؟
تەڭرىتېغىدەك تۇرسۇن بەستىمىز .
ئاھ شۇنچە سوغۇق مىھىرسىز شەھەر،
كۆزلەردە ئۈمۈد، ھەر تۈن ھەر سەھەر …
2016.يىلى 27.نويابىر كۈيتۈن
| 191 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-27 11:30:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|