يىقىلىش - ئابدۇراھمان ئابدۇللا

  يىقىلىش
ئابدۇراھمان ئابدۇللا


يۈزۈڭ كەبى سۈزۈك- سۈزۈك سەھەردە،
شەبنەملەر تۈنەپ چىقار ئىسمىڭنى ئاتاپ.
ئاخىرقى تۈگمەندە تارتىلدىم ئۇندەك،
ئازاب مېدالىنى كۆكسۈمگە تاقاپ.
 
سۆيگۈ دېگەن لىق بىر قەدەھ زەھەرمىش،
قالغاندىمەن قانداقلارچە ياقتۇرۇپ.
تەقدىرىمنى تۆمۈرچىگە سوقتۇردۇم،
ۋىسالىڭنى بازغانلاردىن ئاختۇرۇپ.
 
قۇشلىرىڭغا تېرىق بولۇپ چېچىلدىم،
سۆيگۈم ئىزھار ئەشۇ قۇشنىڭ تىلىدا.
سايىسى يوق،  يىلتىزى يوق دەرەختەك،
يىقىلدىم مەن ئاشىقلىقنىڭ يولىغا.

     





53 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 9:11:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ